تىجارەت كىنىشكىسىنى توردا بېجىرىش، ‹‹ئۇچراشماي›› تىزىملىتىش
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ چۈنخۇا، ليۇ جىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹ھازىر تىجارەت كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلغاندا نومۇر چاقىرىشنى كۈتۈپ ئۆچرەتتە تۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، توردا ماتېرىيالنى ياخشى تولدۇرغاندىن كېيىن، شۇ كۈنىلا تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالغىلى بولىدۇ، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق››. 7–ئاينىڭ 19–كۈنى، تېخى يېقىندىلا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگو رايونى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى مەركىزىدە تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان شىنجاڭ ‹‹ۋەنكې›› ئۆي–زېمىن ۋاسىتىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەمۇرىي مەسئۇلى لى شياۋلياڭ ھاياجانلانغان ھالدا ‹‹ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، كارخانىلار ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ ئىككى–ئۈچ كۈن ۋاقىتنى تېجەپ بېرىپتۇ››، دېدى.
ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىگە كىرسىلا، توردا كارخانا نامىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق بارلىق رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىشلىرىنى بېجىرگىلى بولىدۇ.
ئىگىلىشىمىزچە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىلگىرىكى توردا تىزىملاش ئاساسىدا، توردا تىزىملىتىشنى قولايلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق ئېلېكتىرلەشكەن تىزىملىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرگەن. 2017–يىلى 9–ئاينىڭ بېشىدا، بىر قېتىمدىلا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاشنى ئىشقا ئاشۇرغان؛ بۇ يىل 2–ئاينىڭ 5–كۈنى، شەخسىي مەبلەغ سېلىش شىركىتى، يەككە سودا–سانائەتچى ۋە شېرىك كارخانىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈر بويىچە پۈتۈن جەريانلىق ئېلېكتىرلەشكەن تىزىملىتىش ۋە نامىنى ئۆز ئالدىغا مەلۇم قىلىشنى پۈتۈنلەي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلار بىر قېتىممۇ قاترىماي تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرەلەيدىغان بولغان؛ باشقا تۈردىكى كارخانىلارنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ئېلېكتىرلەشكەن تىزىملىتىش سىستېمىسىمۇ ئارقا–ئارقىدىن تورغا چىقىرىلىۋېتىپتۇ.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 5–ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامىنى ئۆز ئالدىغا مەلۇم قىلىشتىن ئۆتكەن كارخانا 28 مىڭ 748گە، بۇنىڭ ئىچىدە توردا تىزىملاتقان ۋە پۈتۈن جەريانلىق ئېلېكتىرلەشتۈرۈلۈپ تىزىملانغان كارخانا جەمئىي 14 مىڭ 627گە يېتىپ، %50.9نى ئىگىلىگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گاۋ جيەندۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر توردا تىزىملىتىش كەسپى شىنجاڭدىكى بارلىق سودا–سانائەت ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تىزىملاش كۆزنەكلىرىنى قاپلىدى. بىز بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن سالاھىيىتىنى دەلىللىگىلى بولىدىغان بارلىق بازار سۇبيېكتى تۈرلىرىدە پۈتۈن جەريانلىق ئېلېكتىرلەشكەن تىزىملىتىشنى تولۇق ئېچىۋېتىمىز. پۈتۈن جەريانلىق ئېلېكتىرلەشكەن تىزىملىتىش سىستېمىسى ۋە توردا تىزىملىتىش سىستېمىسىنى سىجىل ياخشىلاش بىلەن بىللە، ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ بازار سۇبيېكتىنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەش، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا، ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپ ۋە ئۇچۇر ئىزدەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇرلارنى كۆپ يوللاپ، ئاممىنى ئاز قاترىتىمىز.