تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز جابدۇق ياسىمىچىلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات يۈكسەكلىكىنى ئىگىلىدى

تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن 50ى يېڭىدىن بېكىتىلدى، يېڭىلىق يارىتىش تۈرىدىن 50ى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 7–ئاينىڭ 20–كۈنى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كەسىپ رايونىدا، ماشىنا ئادەم ۋانادىئۇم ئەقلىي ئىقتىدارلىق پىششىقلاش لىنىيەسىدە ۋىكليۇچاتېل ئىشكاپىنىڭ زاپچاسلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەۋاتاتتى. ‹‹بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىشچىلار ئەسلىدىكى 40 نەچچە كىشىدىن ھازىرقى تۆت كىشىگە ئازايتىلدى، خىزمەت ئۈنۈمى بەش ھەسسىدىن ئالتە ھەسسىگىچە ئۆستۈرۈلۈپ، تېخنىكا سەۋىيەسى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش نەتىجىسىدە، 6–ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەھسۇلات قىممىتىمىز بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى›› دېدى شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى ئاپتوماتىك تىزگىنلەش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى تۇ جىگۈي.

   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بىر قاتار سىياسەت–تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ كۆلىمىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى، تايانچ كارخانىلارنى تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم يادرولۇق ۋە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا يۈكسەكلىكنى ئىگىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

   7–ئاينىڭ 20–كۈنى، ‹‹جىنفېڭ›› پەن–تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ‹‹تيەنرۈن›› غەربىي شىمال شۆبە شىركىتىنىڭ مەركەزلىك تىزگىنلەش مەركىزىدىكى چوڭ ئېكراندا ‹‹جىنفېڭ›› پەن–تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى 900گە يېقىن شامال گېنېراتورىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالى توختىماي كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھازىر بۇ شامال گېنېراتورىغا 100دىن ئارتۇق سېنزور ئورنىتىلدى. ‹‹جىنفېڭ›› پەن–تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ‹‹تيەنرۈن›› غەربىي شىمال شۆبە شىركىتىنىڭ مەركەزلىك تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى فۇ پېڭكەي مۇنداق دېدى: بۇ سېنزورلار بولغاچقا، شامال گېنېراتورلىرى ئادەمگە ئوخشاش سېزىمگە ئىگە بولۇپ، شامال ئەھۋالى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى، تېمپېراتۇرا، چىقارغان شاۋقۇنى، تەۋرىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا سېزەلەيدۇ، بىز بۇ كۆرسەتكۈچلەر ئارقىلىق شامال گېنېراتورلىرىنىڭ مەشغۇلات ھالىتىنى تەھلىل قىلغان ۋە تەڭشىگەندىن كېيىن، شامال گېنېراتورلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە جارى قىلدۇرالايمىز. ئىگىلىنىشىچە، ‹‹جىنفېڭ›› پەن–تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى مەملىكەت ئىچىدە 2669 تۈردە پاتېنت ئىلتىماس قىلغان.

   يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ‹‹جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025 شىنجاڭ ھەرىكەت لايىھەسى››نى تۈزۈپ چىقتى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ رامكا يېتەكچى لايىھەسىگە ئايلاندى؛ ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە سىياسەت توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ياسىمىچىلىق بىلەن ئالاقە تورىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت–تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ياخشى سىياسەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى، كارخانىلارنىڭ ئىجادىي تەرەققىيات، يېشىل تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى.

   ئاپتونوم رايونىمىز تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنى دۆلەتنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئۈلگە كارخانىسى بولۇشقا ئىلتىماس قىلىش، ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانىلار مەركىزى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، تۈرلۈك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن 50نى يېڭىدىن بېكىتتى، 2017–يىلى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېتەكچى پىلان تۈرىدىن 648نى تەشكىللەپ چۈشۈردى، مالىيە جەھەتتە قوللايدىغان 41 يېڭىلىق يارىتىش تۈرىنى تېزدىن يولغا قويۇشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈردى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرىدىن 50نى باھالاپ بېكىتىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەشكىللىدى.

   ئۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، نۇقتىلىق قوللاش يۆنىلىشىنى تەڭشەپ، مالىيە جەھەتتە قوللايدىغان 76 جابدۇق ياسىمىچىلىق تۈرىنى بېكىتىپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى نەقلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى؛ تۇنجى يۈرۈش، تۇنجى تۈركۈمدىكى مەھسۇلات مۇكاپاتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، 21 مەھسۇلاتنى مۇكاپاتلاپ، 20 يېڭى مەھسۇلاتنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى (يۈرۈش) زور تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى سۇغۇرتىسىغا تولۇقلىما بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە كۆرسىتىپ، دۆلەت مالىيەسىنىڭ 50 مىليون يۈەندىن ئارتۇق سۇغۇرتا تۆلەم مەبلىغىگە ئېرىشتى؛ بۇ يىل 150 مىليون يۈەن تولۇقلىما مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يېڭى ئەندىزىنى قوللىنىشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنى 30 ئەتراپىغا يەتكۈزدى، بۇ يېڭى ماتېرىيال، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ئون نەچچە ساھەگە چېتىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى قاپلاش دائىرىسى ۋە ئىشلىتىلىش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 30دىن ئارتۇق كارخانىنى يېشىل سىستېما توپلاشتۇرۇش سۇپا قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇشقا تەشكىللەپ، ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ماشىنا–ئېلېكتىر كەسپىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ شېڭچېڭ مۇنداق دېدى: بىز بۇنىڭدىن كېيىن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، يېشىل ياسىمىچىلىق، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە سانائەت ماشىنا ئادىمى قاتارلىق كەسىپلەردە تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە كەسىپلىشىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ياسىمىچىلىقتا تەرەققىيات يۈكسەكلىكىنى ئىگىلەشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرەككە ئىگە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ