تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

   چېن چۈەنگو باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 7–ئاينىڭ 20–كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كۈچەپ ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

   چېن چۈەنگو تەستىقىي يوليورۇقىدا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، خەلق ئاممىسىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. 7–ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8–ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان مەزگىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈۋېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار 1–مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەخسەن ئۆزى تۇتۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇشى، باشقۇرغۇچى مەسئۇل يولداشلار زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۇتۇشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئالدىنقى سەپكە بېرىپ قوماندانلىق قىلىپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن تولۇق بىلىشىدىغان، توغرا ۋە تىك يۆنىلىشلىك مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئۈچىنچى، كۆزىتىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە دەريانىڭ سۇ ئەھۋالىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، بۇرۇنراق مەلۇمات بېرىش؛ گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ناچار ھاۋارايى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان قىسمەن رايونلاردىكى قارا يامغۇرلۇق كەلكۈن ئاپىتى ۋە قىيان ئاپىتىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇش كېرەك. تۆتىنچى، يوشۇرۇن خەۋپنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش كېرەك. يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپىنى تور يېيىش شەكلىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەرنى تۈگىتىش، يوقىتىشقا ئاتلىنىپ، چۈشۈرۈپ قويماسلىق، يوچۇق قويماسلىق، يوشۇرۇن خەۋپ قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەشىنچى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشتىكى نۆۋەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تەييارلىق لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تولۇق تەييارلاپ، تۈرلۈك ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى تەربىيەلەش ۋە مانېۋىر قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، شەھەرلەردە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، زەينى چىقىرىش، ئاپەت ئەھۋالىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، مۇھاپىزەت قىلىش، خەتەرلىك ئىشنى تۈگىتىش، خەتەرلىك بۆلەكنى مۇستەھكەملەش، قىيان ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش، خەۋپتىن ساقلىنىش، چېكىنىش–يۆتكەش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. يەتتىنچى، تەكشۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سەككىزىنچى، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. بىر قولدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ يەنە بىر قولدا مۇقىملىقنى قوغداشقا ئالاقىدار تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ