تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خوتەن ۋىلايىتى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا 118 مىڭ 900 كىشى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇردى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ يەن خەۋەر قىلىدۇ: 7–ئاينىڭ 12–كۈنى ئەتىگەندىلا، لوپ ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدىكى 99 ياش دېھقان پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئىشلەمچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يۈرۈپ كەتتى.

   چارباغ يېزىسى قوچاقئېرىق كەنتىدىكى 18 ياشلىق ئالىم ئالىمقاسىم يېڭى بىر ھاياتلىق سەپىرىگە ئاتلانغىنىنى ئويلاپ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم ئىشلەپ پۇل تاپقاندىكى ھېسسىيات چوقۇم باشقىچە بولىدۇ، مەن ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ روناق تاپىمەن.

   لوپ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى كەيۋېي مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بۇ ناھىيەدىن 1800دىن كۆپرەك كىشى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ، ھەر بىرەيلەن ئېيىغا 4800 يۈەندىن كىرىم قىلدى، بۇ، شۇ جايدىكى دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا بۇ يىل دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقىشىغا ئوبدان ئاساس سالدى.

   لوپ ناھىيەسىگە يېقىن بولغان قاراقاش ناھىيەسىدە 6–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن 81 مىڭ 367 كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 33 مىڭ 381 كىشى تەشكىللىك سىرتقا چىقىرىلدى.

   بۇ ناھىيەنىڭ زاۋا بازىرى يېڭىئۆستەڭ كەنتى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى، بۇ يىل كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۈشكۈل ۋەزىپىسىنى قانداق ئورۇنداش كېرەك؟ شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، يېڭىئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ساۋ جۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامراتلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم يول، ھازىر يېڭىئۆستەڭ كەنتىدە 385 نامرات ئاھالە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئامانلىق ساقلاش، مۇھىت تازىلىقى، ئاشپەزلىك قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە 1000 ئىش ئورنى تېپىپ، يېڭىئۆستەڭ كەنتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سەككىز كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى مۇددەتكە، تۈركۈمگە بۆلۈپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

   خوتەن ۋىلايىتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بىر قەدەر ئاز، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىپلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى تەس. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە مەمۇرىي مەھكىمە ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، مەخسۇس ئاپپارات تەسىس قىلىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارنى باشقۇرۇش چارىسى تۈزۈپ، ۋىلايەت ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتىدىغان، ناھىيە، شەھەرلەر كونكرېت مەسئۇل بولىدىغان، تارماقلار ماسلىشىدىغان خىزمەت مېخانىزمى شەكىللەندۈردى. ئاساسلىقى ‹‹ھۆكۈمەت+كارخانا››، ‹‹ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى+ئىجتىمائىي كۈچلەر+ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار›› قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەردىكى ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكىدى. ھازىر خوتەن ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى–سىرتىدىكى سەككىز ئەمگەك مۇلازىمىتى ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

   دېھقان–چارۋىچىلار سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەكچى بولسا، بىرەر ئارتۇقچىلىقى بولمىسا بولمايدۇ. خوتەن ۋىلايىتى بۇ مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتى ۋە مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى مەخسۇس تەربىيەلىدى.

   ئەمگەك مۇلازىمىتى ۋاسىتىچىلىرىنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، لوپ ناھىيەسى پائال تۈردە ئەمگەك مۇلازىمەت ۋاسىتىچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، ھازىر 598 ئەمگەك مۇلازىمەت ۋاسىتىچىسىنى تەربىيەلەپ كىنىشكا بەردى.

   كېرىيە ناھىيەسى ‹‹شىنيې›› يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەكتىپى 20 نەچچە ئىش تۈرى بويىچە دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك تەربىيەلەش سىنىپلىرىنى ئاچتى. مەكتەپ مۇدىرى خۇاڭ فېڭشياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يېزىلاردىكى 2859 ياش دېھقان مەكتەپتە تەربىيەلىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 1435 كىشى بار.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا، خوتەن ۋىلايىتى 77 مىڭ 800 كىشىنى شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچى 32 مىڭ 400 ئىكەن؛ شىنجاڭ ئىچىدە رايون ئاتلاپ تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 30 مىڭ 200 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىدىن 13 مىڭى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارغا 10 مىڭ 900 كىشى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچى 4427 كىشى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ