تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى كۈتۈۋېلىش باشقارمىسى (ئورگان ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى) كۈتۈۋېلىش 2–بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دېڭ بو

   بالىلىق ۋاقتىمدىن مەكتەپكە كىرگىچە، مەكتەپتە ئوقۇپ خىزمەتكە چىققۇچە، مەن ھەر مىللەت دوستلار بىلەن ئاكا–ئۇكا، ئاچا–سىڭىللاردەك بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، بىللە خىزمەت قىلىپ، چوڭقۇر قېرىنداشلىق رىشتى باغلىدىم. دادام پارتىيەلىك كادىر، دائىم ماڭا ھەر مىللەت ئاكا–ئۇكا، ئاچا–سىڭىللاردىن ئۆگىنىپ، پەن–مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، كەلگۈسىدە ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. مەن پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالدىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتلىق جان تومۇرۇم، دەپ بىلىمەن.

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلدى. لېكىن، دەرەخ جىم تۇراي دېسىمۇ، شامال جىم تۇرغۇزمايۋاتىدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تۈرلۈك ھىيلە–مىكىرلەر بىلەن ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، ئىناق، خاتىرجەم ياشاۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇلار ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، شىنجاڭ تارىخىنى قەستەن بۇرمىلاپ ۋە ئۆزگەرتىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتتى. قانۇن بىلەن ئوينىشىشقا پېتىنىدىغان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇنداق جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قەتئىي زەربە بېرىشىمىز كېرەك.

   مەن پارتىيەلىك كادىر، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم، مەن جەزمەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاكا–ئۇكا، ئاچا–سىڭىللارغا شىنجاڭنىڭ ‹‹تۆت تارىخ››ىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› ۋە ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۇقرالىق ئېڭى ۋە قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەيمەن.

   بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ پىرىنسىپال مەسىلىدە، مەن پوزىتسىيەدە ئاكتىپ، قەتئىي بولۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئاكتىپ سادا ياڭرىتىپ، خاتا سۆز ۋە خاتا پىكىر ئېقىمىنى توسۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە قان–قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈشىگە، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىغا، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىگە تۈرتكە بولىمەن. ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشىغا ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەيمەن.

   ھازىر، بىز شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەرمىللەت ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى، پارتىيەنىڭ مىللەت–دىن سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن–نىزاملىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

   مەن مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇمغا قويۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالىتىم، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭىم بىلەن، ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي–ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ