تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7–ئاينىڭ 20–كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–، 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

   يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، خەلققە ۋاكالىتەن دۆلەتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان–ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، قارار قىلىش، تەيىنلەش–قالدۇرۇش قاتارلىق خىزمەت ھوقۇقلىرىنى ياخشى يۈرگۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشتە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى ياخشىلاپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئىستىل ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ دەۋرگە، خەلققە، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

   14 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلى يىغىندا سۆز قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى ئالماشتۇردى، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ