تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ساياھەتچىلىك مارالبېشى ناھىيەسىدىكى يېزا–كەنتلەرنىڭ كەچلىك بازىرىنى قىزىتىۋەتتى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 7–ئاينىڭ 17–كۈنى كېچە سائەت 0دە، مارالبېشى ناھىيەسى ئاناركۆل يېزىسى تالاشور كەنتىدىكى كەچلىك بازار يەنىلا ئادەتتىن تاشقىرى قايناق ئىدى، بېلىق كاۋىپى، گۆش كاۋاپ، پىشۇرۇلغان كۆكباش، جۇۋاۋا، سوغۇق سەي، مالاتاڭ، دوغ قاتارلىق ھەرخىل يېمەكلىكلەر تەخسە–تەخسىلەردە ئۈستەلگە تىزىلماقتا ئىدى، ئىشتەينى ئاچىدىغان مەززىلىك خۇش پۇراقلار ئەتراپنى بىر ئالغانىدى، كەنت ئاھالىلىرى سەھنىدە قىزغىن ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى.

   ئاناركۆل مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لياڭ باۋجۈن 7–ئاينىڭ 16–كۈنى كەچ سائەت 21دىن باشلاپ كەچلىك بازاردا بار ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بايا خېنەن ئۆلكىسىدىن ئاناركۆل مەنزىرە رايونىغا ئۆزلىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن 40 نەچچە ساياھەتچى بۇ يەردە يېمەك–ئىچمەكلەرنى تېتىپ، ئويۇنلاردىن ھۇزۇرلاندى، ھازىر دېھقانلارنىڭ قىزغىنلىقى پەسەيمىدى، قايناق بازار كېچە سائەت 2 لەرگىچە داۋاملىشىدۇ.

   تالاشور كەنتىدىكى ئاناركۆل مەنزىرە رايونى قۇملۇق، توغراقلىق، كۆل ۋە سۇلۇق يەر قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر بىلەن قويۇق مىللىي ئۆرپ–ئادەت بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت رايونى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ يەر دۆلەت ئىچى–سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن فوتوسۈرەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى بۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

   لياڭ باۋجۈن مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونىدا ئون نەچچە سەھرا ئارامگاھى، ئائىلىۋى قونالغۇ بار. 7–ئاينىڭ 1–كۈنى كەنت دەرىجىلىك بۇ كەچلىك بازار تىجارەت باشلاپ،  مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ كىرىم قىلىشىدىكى يېڭى سۇپىغا ئايلاندى. ھازىر 17 يايما ئورنى بولۇپ، بۇنىڭ 13ىدە كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەر تىجارەت قىلىدۇ.

   بۇ كەنتتىكى ئابدۇرېشىت ئوبۇل چوغدان ئەتراپىدا تولىمۇ ئالدىراش ئىدى، ئۇ شۇ ئاخشىمى 15 بېلىق كاۋىپىنىڭ ھەر بىرىنى 70 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە ساتتى. يەرلىك  ئوتخور بېلىقتىن تەييارلانغان بۇ كاۋاپلار تۇز سۈيىدىن باشقا دورا–دەرمەك سېلىنماي، سارغايتىپ يۇمشاق پىشۇرۇلغاچقا، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

   ئابدۇرېشىت ئوبۇلنىڭ سودىغا ناھايىتى ئېپى بولۇپ، خاسىڭ، گازىر، كەمپۈت ۋە ئىچىملىك ساتىدىغان كىچىك بىر دۇكىنىمۇ بار ئىكەن. تىجارەت كىرىمىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ خۇشال ھالدا: ھەر كۈنلۈك تىجارەت كىرىمىم 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ، دېدى.

   كەچلىك بازار يەنە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىگىمۇ سودا پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپتۇ، ئاناركۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتىدىكى مەمەت روزى ھەركۈنى كەچتە بىر ھارۋا تاۋۇز بىلەن كۆكتاتنى ساتالايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: كەچلىك بازاردا سودا باشلانغان چاغ دەل تاۋۇز پىشقان مەزگىل، تاۋۇز بىلەن شوخلىنى ئۆزۈم تېرىغان، لازا بىلەن جاڭدۇنى باشقا دېھقانلاردىن سېتىۋالغان، ھەركۈنى 600 يۈەندىن 700 يۈەنگىچە ساتالايمەن. بۇ يىل مېۋە–چېۋە سېتىپ 20 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلىشىم مۇمكىن، تاۋۇز تۈگىگەندە ئالما ساتىمەن، ئىشچان بولساقلا چوقۇم پۇل تاپالايمىز. 

   لياڭ باۋجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەچلىك بازاردىكى ئاساسلىق ئىستېمالچىلار ناھىيە بازىرىدىن سالقىنداشقا كەلگەن ئاھالىلەر بىلەن مەنزىرە رايونىدا ياتاقتا ياتقان ساياھەتچىلەر بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىمۇ مەنزىرە رايونىنىڭ بىر كۆرۈنۈشىگە ئايلاندى.

   لياڭ باۋجۈن مۇنداق دېدى: بۇ ئايدا بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن توققۇز ئايروپىلاننى ھۆددە ئېلىپ كەلگەن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق، ئاناركۆل مەنزىرە رايونىمىزغا نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە تۆت ئايروپىلان ۋە بىر مەخسۇس پويىزلىق ساياھەتچى كېلىدۇ. مەنزىرە رايونىنىڭ شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە نامىنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىل كۈتۈۋېلىنىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشى مۇمكىن، كۈزدە بۇ يەردىكى توغراقلار ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، فوتوسۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى بەك جەلپ قىلىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ