شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى جۇ يەنرۇڭ خەۋىرى. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، تۇرپان ئايرودرومىدا يەنە يېڭى لىنىيە قوشۇلدى، چاڭشا-تۇرپان-غۇلجا بېرىپ-كېلىش لىنىيەسىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى.
شۇ كۈنى سائەت 13:05 ئۆتكەندە، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كۆك، ئاق رەڭ ئارىلاش يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇرپان ئايرودرومىغا سىلىق قوندى.
ئىگىلىنىشىچە، چاڭشا-تۇرپان-غۇلجا بېرىپ-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ساياھەت جانلىنىش مەزگىلىدىكى ئىسمېنا قوشۇلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇپ، قاتناش مۇددىتى 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە ئىكەن، بۇ لىنىيە ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە، يەكشەنبە كۈنى قەرەللىك ئۇچىدىكەن.
بۇ لىنىيەنىڭ ئېچىلىشى ئاممىنى پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆگىنىش، تۇغقان يوقلاش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىشى، ساياھەت قىلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولايلىق سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم تۇرپان شەھىرىنىڭ باشقا شەھەر بىلەن ئالاقە قىلىش، ئاۋىياتسىيە تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساياھەت يىغىش-تارقىلىش مەركىزى ۋە ئۆتەڭلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشتا پائال ئىلگىرلەش رولىنى ئوينايدۇ.