تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللارنىڭ قېرىشى تۇخۇمدان بىلەن مۇناسىۋەتلىك

    تۇخۇمدان ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى. تۇخۇمداندا كېسەللىك پەيدا بولسا، يىنىك بولسا ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ، ئېغىر بولسا ئادەمنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ. ھەيز مەزگىلى ئاياللارنىڭ بەدىنى بىر قەدەر ئاجىز مەزگىل بولغاچقا، ۋاقىتىدا ئاسراش تەدبىرى قوللانغاندىلا تۇخۇمداننىڭ زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھەيز مەزگىلى تۇخۇمداننى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. ئۇنداقتا بۇ مەزگىلدە تۇخۇمداننى قانداق ئاسراش كېرەك؟

    بەدەننى ئىسسىق ساقلاش
    بىرىنچى، ھەيز ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى توكسىننى ھەيدەش ئۇسۇلىنىڭ بىرى. توكسىن بەدەن سىرتىغا ۋاقتىدا ھەيدەپ چىقىرىلمىسا بىر تۈرلۈك ئاياللار كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە ئاياللار ئالدى بىلەن بەدىنىنى ئىسسىق ساقلاپ، قورساق قىسمىغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. سوغۇق داس بوشلۇقىنى غىدىقلاپ قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان تومۇر تارايسا ھەيز مىقدارى ئازلاش، ھەيز كېسىلىش، ھەيز قالايمىقانلشىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ياكى ھەيز قارىدىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

    پۇتنى ئىسسىق سۇغا كۆپرەك چىلاپ بېرىش
    ئەگەر ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە دائىم پۇتى مۇزلىسا، بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ھەيز مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ پۇتى مۇزلىسا ئىچ سۈرۈش، قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق، قان ئۇيىشىش، بەدەننىڭ توكسىننى ھەيدىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
    پۇت ئىككىنچى يۈرەك دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، پۇتنىڭ ئاستى قىسمىدا نۇرغۇن پەللىلەر ۋە جىڭلو (ئادەم بەدىنىدىكى قان، يەلنىڭ يۈرۈش يولىنىڭ غولى ۋە تارمىقى) لار بار. پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش سوغۇقنى ھەيدەشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، ھەيز مەزگىلىدە تۇخۇمداننى ئاسراشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى.
    پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىغاندا پۇتنىڭ ئاستى قىسمىدىكى پەللىلەر ۋە جىڭلولارنى ئۇۋۇلاپ بېرىش، ئىچكى ئەزالارنى بىر قېتىم تازىلىغانغا بارۋەر.
    ئەسكەرتىش: ھەيز مەزگىلىدە پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىغاندا، سۇغا باشقا دورىلىق ماتېرىياللارنى قوشماسلىق كېرەك. چۈنكى ھەيز مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، دورىنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەندە تېكستۇرا (肌理) زەخمىلىنىدۇ.

    فولىك كىسلاتانى كۆپرەك تولۇقلاش
    ئاياللارنىڭ تۇخۇمدېنى ھەيز مەزگىلىدە ئەڭ ئاجىز بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئالاھىدە مەزگىلدە فولىك كىسلاتا (叶酸، ۋىتامىن B9 دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تولۇقلىغاندا تۇخۇمدان كېسەللىكىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تەركىبىدە فولىك كىسلاتا مول يېمەكلىكلەرنى ئاز ئسىتېمال قىلىدىغان ئاياللارغا قارىغاندا، فولىك كىسلاتانى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %74 تۆۋەن بولىدىكەن.
    بىز دائىم تاشلىۋېتىدىغان كۆكتات يىلتىزلىرىدا فولىك كىسلاتا ئىنتايىن مول ئىكەن.

    سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى يېيىش
    ھەيز مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى يېسە مۇۋاپىق. ھەيز مەزگىلىدە تۇزلۇق، ئاچچىق تاماقلارنى كۆپ يېگەندە باش ئاغرىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىققاندىن سىرت، يەنە تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ.

    دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار: تۇخۇمداندا كېسەللىك كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاياللار كېسەللىكى كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بەزى ئىنچىكە ئالامەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، شۇڭا بەدەن تەكشۈرتۈشكە سەل قارىماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ