تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

بالىلار يازلىق لاگېردا ئارزۇلىرىنى قاناتلاندۇردى ‏

7-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىخەنزە شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مۇقەددەس بىلەن لياۋنىڭ ئۆلكىسى تيېلىڭ شەھەرلىك تەجرىبە مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋۇ لىنلۇ سۇ ماي بوياق رەسىمى سىزماقتا. 

«لىياۋنىڭ شىنجاڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى» يازلىق لاگېرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش (6-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

7-ئاينىڭ 2-كۈنى، شېنياڭ شەھەرلىك جاۋلىڭ باغچىسىدا، شىخەنزە شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى شېنياڭ شەھەر ئاھالىسى بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

    مۇخبىرىمىز جۇ گوفۇ خەۋىرى، فوتوسى. «لىياۋنىڭ شىنجاڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى» يازلىق لاگېرىغا قاتناشقان شىخەنزە شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 35 ئوقۇغۇچى 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ، فۇشىن، تيېلىڭ، فۇشۈن شەھەرلىرىگە بېرىپ، يەرلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تەتىل كۈنلىرى خۇشال ئۆتكۈزدى ۋە دوستلۇق ئورناتتى.

    شىخەنزە شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئادىلە خۇشال ھالدا:«لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىنىڭ مەدەنىيىتى ماڭا گۈزەل تەسىر قالدۇردى، مەن مول ۋە چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدىم، بەك ھاياجانلاندىم! مەن شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساۋاقداشلارغا سۆزلەپ بەردىم، قايتقاندا ئۆزۈم كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمنىمۇ ئەتراپىمدىكىلەرگە سۆزلەپ بېرىمەن»، دېدى.

    شىخەنزە شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مۇقەددەس بىلەن لياۋنىڭ ئۆلكىسى تيېلىڭ شەھەرلىك تەجرىبە مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋۇ لىنلۇ قوشماقلاشتى بولدى، مۇقەددەس ۋۇ لىنلۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ، كۈلۈمسىرەپ:«يېڭى دوست تۇتقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بىز ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىمىزنى قالدۇرۇپ قويدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆگىنىپ، ئىلھام بېرىشىپ، بىرلىكتە چوڭ بولىمىز»، دېدى.

    بۇلتۇر 5-ئايدا، لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلىرى شىخەنزە شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 35 ئوقۇغۇچى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار قوشماقلىشىش فوندى تەسىس قىلىپ، ھەر بىرەيلەن ھەر مەۋسۇمدا 300 يۈەن چىقىرىپ، قوشماقلاشقان نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار «بىر قېتىم پاراڭلىشىش، بىر ياخشى كىتاب تەۋسىيە قىلىش، بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش، بىر قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇش، بىر قېتىم يازلىق لاگېرغا قاتنىشىش، بىر قېتىم ئائىلە زىيارىتى قىلىش، بىر قېتىم ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئۆگىنىش، بىر بايرامنى بىللە ئۆتكۈزۈش» تىن ئىبارەت «سەككىز بىر» پائالىيەت تېمىسىنى چۆرىدەپ، سىنىپلارغا، ياتاقلارغا، مەكتەپ ئاشخانىلىرىغا كىرىش، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوست بولۇشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇزاق مەزگىللىك بېرىپ-كېلىش قىلىش جەريانىدا، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن بولۇپ كەتتى. «لياۋنىڭ شىنجاڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى» يازلىق لاگېر پائالىيىتى «سەككىز بىر» پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ