جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: تومۇز ياز پەسلىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسىدىكى بايىنبۇلاق يايلىقى، كۆنەس ئورمانچىلىق مەيدانى، كونا بالغۇنتاي كەنتى ئەتراپىدىكى تاغلىق ئورمان رايونىدا ھاۋارايى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بەزىدە ئېچىلسا، بەزىدە تۇتۇلىدۇ. يامغۇردىن كېيىن، ئېگىز تاغ ئۈستى نېپىز بىر قەۋەت تۇمان بىلەن قاپلىنىپ، ئاسماندىكى توپ-توپ بۇلۇتلار بىلەن قوشۇلۇپ بەئەينى بىر پارچە ماي بوياق رەسىمگىلا ئوخشاپ قالىدۇ. ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە تولغان بۇ گۈزەل ماكان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
كەچكى شەپەق نۇرى ئاستىدىكى يايلاق ۋە قوي پادىلىرى بىر پارچە گۈزەل سۈرەتكە ئوخشاپ قالغانىدى. (ۋاڭ خېپىڭ فوتوسى)