خەلق تورى، فەن پائول، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى. 51-نۆۋەتلىك ئەنگلىيە فەن پائول ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى گۇرۇھى قارىمىقىدىكى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (قىسقارتىلىپ «ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى» دېيىلدى) ARJ21-700 بەلگىلىك ئايروپىلاندىن 20 نى سېتىۋېلىش مۇددىئانامىسىنى ئىمزالىدى. ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ARJ21-700 بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ 22 –خېرىدارىغا ئايلاندى، ARJ21-700 بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ زاكاز تالون سانى 473 كە يەتتى.
خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ مۇدىرى جاۋ چۈەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن جۇڭگو لايىھەلەپ ياسىغان زامانىۋى رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانى سېتىۋېلىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدۇق، بۇ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۆز كەسپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش مۇھىم تەدبىرلىرىنى تېزلەتكەنلىدۇر. ARJ21-700 بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە كەسپى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كەڭ زېمىن ئېچىپ بېرىپ، خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى گۇرۇھىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بوشلۇق كۆۋرۈكى قۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى جاۋ يۆراڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى گۇرۇھى ئىلگىرى ئىستىراتېگىيلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان، بۇ قېتىمقى مۇددىئانامە ئىمزالاش ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى گۇرۇھى قارىمىقىدىكى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىقلار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى خېرىدارلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، دۆلىتىمىز ئشلەپچىقارغان پۇقراۋى ئايروپىلانىنى بازارلاشتۇرۇپ، كۆلەملىك تىجارەت قىلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى گۇرۇھى بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان. 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلىغان، بازىسى شىنجاڭ ئۈرۈمچىگە جايلاشقان. ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ھازىر شىنجاڭدىكى بىردىنبىر يەرلىك ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھېسابلىنىدۇ. 2018-يىلى 3-ئايغىچە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى B737-800 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن 12سى، بىر E-190 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن تىجارەت باشلاپ، 34 شەھەرگە قاتنىغان.