تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تۇغقىنىمنىڭ ئىشىنى كۆڭلۈمدە ساقلايمەن

  مۇخبىرىمىز چېن خۇي خەۋىرى: «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى قانداقراق؟ ناھايىتى قۇرغاق شۇنداقمۇ؟ ناشتىدا نېمە يەيسىلەر؟ ئۆيۈڭلارغا گىلەم سېلىنغانمۇ؟» 7-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ ھاۋا ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىنىڭ تېرە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى لى چياڭ بىڭتۈەن 3-شى 53-تۈەن 7-ليەندىكى تېرە كېسىلى بىمارى رۇقىيە ھەسەنگە يىراق مۇساپىلىك بىرلىشىپ دىياگنوز قويدى.

  رۇقىيە ھەسەن 53-تۈەننىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان سىياسىي كومىسسارى يەن چاڭچۇننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە قوشماقلاشقان تۇغقىنى. يەن چاڭچۇن 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش پائالىيىتىدە رۇقىيە ھەسەننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن بۇ ئىشنى كۆڭلىدە ساقلاپ كەلدى.

  يەن چاڭچۇن مۇخبىرغا: «مەن رۇقىيە ھەسەننى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە قىزىل ئەسۋە چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق چىرايلىق قىز بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولسا ھەقىقەتەن ئازابلىق ئىش بولمامدۇ، دەپ ئويلىدىم» دېدى. ئۇ رۇقىيە ھەسەننىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۇزاق ئۆتمەيلا 53-تۈەن دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتى.

  لېكىن 53-تۈەن دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش بايلىقى ۋە داۋالاش سەۋىيەسى چەكلىك بولغانلىقتىن، رۇقىيە ھەسەننىڭ كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولۇپ كەتمىدى. بىڭتۈەن دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇرى ئىچكى كېسەللىكلەر 1-بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى، ھازىر ۋەزىپە بىلەن 3-شى 53-تۈەن تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى ئۆتەۋاتقان سۇڭ شېفېي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، بىمارنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى بىڭتۈەن دوختۇرخانىسىغا مەلۇم قىلدى، بىڭتۈەن دوختۇرخانا پارتكومى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دوختۇرخانىنىڭ تېرە كېسەللىكى مۇتەخەسسىسى ياڭ چىڭنى رۇقىيە ھەسەننىڭ كېسىلىگە يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  ياڭ چىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرىكى ئالاقىلىشىش ۋە يىراق مۇساپىلىك بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشتىن رۇقىيە ھەسەندە ئۈچ يېشىدىن تارتىپلا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كۆرۈلۈپ، پۈتۈن بەدىنىگە قىزىل ئەسۋە چىقىپ كەتكەنلىكىنى، يەنە بىرقانچە جايدا قىچىشقاق بار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. بۇنىڭغا ئىلگىرىكى داۋالانغان كېسەللىك تارىخىي ماتېرىيالىنى قوشۇپ، ئۇنىڭ بىرلەمچى خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىغا دىياگنوز قويدۇق». بىرلەمچى خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىدىن ئىبارەت بۇ تېرە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كۆپ قىسىمى زىيادە سېزىمچان كېلىدۇ، قۇرغاق ھاۋا، گىلەمدىكى باكتېرىيەلەر ۋە بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تاماقتىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىمارنىڭ زىيادە سېزىمچانلىق مەنبەسى بولۇپ، بىمارنىڭ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا، بىرلەمچى خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى تامامەن ساقايتقىلى بولمايدىغان تېرە كېسەللىكى بولۇپ، بىمارنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زىيادە سېزىمچانلىق مەنبەسىدىن يىراق تۇرۇشىغا تايىنىپلا كېسەللىكنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

  «بىز كېسىلىڭىزنى ئېغىرلىتىۋېتىدىغان ئامىللارنى ئىمكانقەدەر تېپىپ چىقىمىز، مەسىلەن: زىيادە تاتىلاش، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېيىش قاتارلىقلار. بۇ ئامىللارنى تېپىپ چىققاندىن كېيىن تۇرمۇشتا بۇلاردىن ئامال بار ساقلىنىڭ». 53-تۈەن 7-ليەننىڭ ليەنجاڭى ئابدۇۋەلى راخمان رۇقىيە ھەسەنگە ياڭ چىڭنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈردى. تىل ئۇقۇشمىغانلىقتىن ئابدۇۋەلى راخمان بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشتا تەرجىمانلىق قىلىپ بەردى. يىراق مۇساپىلىك بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئابدۇۋەلى راخمان ياڭ چىڭ يېزىپ بەرگەن رېتسېپ بويىچە رۇقىيە ھەسەنگە سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان ۋە ئىچىدىغان دورىلارنى ئېلىپ بەردى ھەمدە دورىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

  يەن چاڭچۇن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «دورىنى بىر ھەپتە ئىشلەتكەندىن كېيىن رۇقىيە ھەسەننىڭ بەدىنىدىكى قىزىل ئەسۋەلەر قاقاچ تۇتۇشقا باشلاپ، ئىلگىرىكىدەك قىچىشمايدىغان بولدى». ئۈنۈمنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ دوستلىرى ئارقىلىق بېيجىڭ ھاۋا ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىنىڭ تېرە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى لى چياڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ رۇقىيە ھەسەنگە ئىككىنچى قېتىم بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، بىڭتۈەن سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ 53-تۈەن 7-ليەندە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر باشتىن-ئاخىر ياردەملەشتى.

  بىڭتۈەن سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ 53-تۈەن 7-ليەندە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لو گوشۇ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە بىز خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغىنى ئىشلىتىپ، رۇقىيە ھەسەنگە يالغۇز كىشىلىك كارىۋات ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدۇق، ساغلام، پاكىز تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ