ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئاز سوممىلىق تەكرار قەرز پۇلى، تەكرار دىسكونت قاتارلىق ھەر خىل پۇل سىياسىتى قوراللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئارزۇسى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە ئورتاق ياردەم بېرىپ ھەل قىلدى.
مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 267 مىليارد 12 مىليون يۈەن بولۇپ، يىل بېشىدىكىدىن 8 مىليارد 472 مىليون يۈەن ئاشقان؛ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.44 ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 7 پىرسەنتگە يېقىن پوئىنتىنمۇ يۇقىرى ئاشقان.
بۇ يىل 1-ئاي، 4-ئاي ۋە 7-ئايدا، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى باش بانكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئۈچ قېتىم چۈشۈرگەن، تەۋەلىكىدىكى 18 بانكا ئاپپاراتلىرىنىڭ جەمئىي تۆۋەنلىگەن ئامانەت تەييارلىق فوندى نىسبىتى 2 پىرسەنت پوئىنتىدىن يۇقىرى بولۇپ، قويۇپ بېرىلگەن مەبلەغ 6 مىليارد320 مىليون يۈەن بولغان. مەزكۇر بانكا يەنە مۇناسىپ باھالاش چارىلىرىنى يولغا قويۇپ، قويۇپ بېرىلگەن مەبلەغنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا بېجىرىپ بەرگەن تەكرار دېسكونتى جەمئىي 1587 قېتىم بولۇپ، پۇل سوممىسى 5 مىليارد 230 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا قالدۇق سوممىسى 3 مىليارد 760 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ۋېكسېل تەكرار دىسكونتى قالدۇقىنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى %92 كە يەتكەن.