7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ساياھەتچىلەر خۇاشەندىكى پايانسىز بوشلۇقتىكى ئاسما يولدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: «خۇاشەندىكى 1-تەبىئىي توسالغۇ» دەپ ئاتىلىدىغان پايانسىز بوشلۇق ئاسما يولى شەنشى ئۆلكىسى خۇايىن شەھىرى ۋۇيۆ خۇاشەن جەنۇبىي چوققىسىنىڭ شەرق چېتىدىكى تاغ قاپتىلىدا بولۇپ، مىڭ گەز تىك يار ئۈستىگە مىخ قېقىپ ياغاچ تۇرغۇزۇپ ياسالغان. پايانسىز بوشلۇقتىكى ئاسما يول قىيا بوشلۇقىغا تۇرغۇزۇلۇپ، ئېكىسپىدىتسىيەچىلەرگە جەڭ ئېلان قىلغان بولۇپ، خەتەر ئىچىدىن غەلىبە ئىزدەيدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.