تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى مۇجەسسەملەش

ـــ ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى توغرىسىدا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋمىن

   ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئومۇمىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئومۇمىيلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئېچىۋېتىشتە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش – مەسئۇلىيەتچان بولۇش، تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش›› خىزمەت ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تەرەققىياتنى چۆرىدەپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش›› خىزمەت تەپەككۇرى بويىچە مەۋقەنى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ساغلام قانات يايدۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

   ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى 2014 – يىلى يېپىقلىق تىجارەت قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، جەمئىي 750 مىليون يۈەن سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى ياراتتى، مال ئۆتكۈزۈش مىقدارىنى 3 مىليون 695 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ، 8 مىليارد 690 مىليون دوللار سودا سوممىسى يارىتىپ، تۈرلۈك كارخانىدىن 465نى جەلپ قىلىپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ‹‹پورت قۇرۇلۇشىدىكى كۈچلۈك ئوبلاست›› بولۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

   پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش

   ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى 2016 – يىلى 10 – ئايدا قۇرۇلغان، پارتىيە ياچېيكىسى باشتىن – ئاخىر بەنزىنى چىڭ تۇتۇش، قوشۇننى يېتەكلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى پۇختىلاش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇردى. ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىسىدىن 15نى تاللاپ كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن كەسپىي خىزمەتنى ماس قەدەمدە ‹‹قوش يېتىلدۈرۈش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق كارخانىلارنى ماكانلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، پارتىيە تەشكىلاتى بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانا پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئۈچنى قۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا تۈرتكە بولدى.

   پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى ھەر ئاينىڭ 15 – كۈنىنى باش تېمىلىق ياچېيكا پائالىيىتى كۈنى قىلىپ بېكىتتى، ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ياچېيكىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاشقا قەرەللىك تەشكىللەپ، خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، كارخانا ۋە سانائەت رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ساغلام قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

   ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ 1 –  سېپىدىكى مۇنەۋۋەر ئىشچى – خىزمەتچىلەر، كەسىپ تايانچلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى ئىچىدىن پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيە ياچېيكىسىغا يېڭى قان تولۇقلاپ، كارخانىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى يېڭى كۈچكە ئىگە قىلدى.

   پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كارخانا تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈش

   يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى ئىقتىسادنى بىلىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىرىنى كارخانىلاردا تۇرۇشقا پائال تاللاپ ئەۋەتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كارخانا باشقۇرۇشقا، كارخانا مەدەنىيىتىگە، كارخانا مۇلازىمىتىگە، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى كارخانىنىڭ ‹‹ئاقىللار ئۆمىكى››، ‹‹ئاۋانگارت ئەترىتى››گە ئايلاندۇرۇپ، كارخانىلار تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

   7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى ئالاتاۋ پورتى ‹‹جېندې›› تېبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلىدىغان توقۇلما بۇيۇملار چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، ئاپتوماتىك ئىز قالدۇرماي ئۇلاش ئايلانما ھالقىلىق يىپ ئېگىرىش ماشىنىسىدا پاختا يىپ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىۋاتاتتى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چىن سۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ مەدىتىدە، 2017 – يىلى شىركەت تېبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە پاختا يىپتىن 8000 توننا ئىشلەپچىقاردى، يىللىق سېتىش سوممىسى تەخمىنەن 180 مىليون يۈەنگە يەتتى.

   بۇ يىل 1 – ئايدىن باشلاپ، كارخانىنىڭ ئىسكىلاتى يېتىشمىگەچكە، بۇ شىركەت كەينى – كەينىدىن ئىمپورت قىلغان كۆپلىگەن خام ئەشيانى قويىدىغانغا جاي چىقمىدى. چىن سۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى بىزگە ئىككى ئىسكىلاتنى ماسلاشتۇرۇپ بەردى، ئىمپورت قىلغان خام ئەشيالىرىمىزنى ۋاقتىدا ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈۋالدۇق، نورمال ئىشلەپچىقىرىشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى.

   ئالاتاۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىر، ئورگان پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ھەر ئايدا، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىرى كارخانىلارغا كىرىپ، كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش، ئىچكى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە دۇچ كەلگەن بەزى قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش بىلەن بىللە، كارخانىلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ياردەم بېرىپ، كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ئاساس سالدى.

   پارتىيە قۇرۇلۇشى يول باشلىغۇچى بولۇپ، كارخانىلارنى يېتەكلەش

   ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى چۆرىدەپ، ‹‹پارتىيە قۇرۇلۇشى يول باشلىغۇچى بولۇپ، كارخانىلارنى يېتەكلەش››تەك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ماركىسىنى ياراتتى، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى››، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى مەسئۇلىيەت رايونى››، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى››، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنى›› قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك تۇتقىغا ئايلاندۇردى.

   ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى مۇلازىمەت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاكالىتەن بېجىرىش خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ‹‹پارتىيە قۇرۇلۇشى يول باشلىغۇچى بولۇپ، كارخانىلارنى يېتەكلەش››تىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كارخانىلار ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى باشتىن – ئاخىر كارخانىلارنىڭ 1 – سېپىگە مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى››نى مەخسۇس قۇرۇپ، كارخانىلارغا پارتىيەنىڭ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى، ‹‹ئۆي خىزمەتچىسى شەكلى››دىكى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا يېشىل يول ئاچتى. پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ تەرەققىياتى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە تۈرتكە بولۇشتا ‹‹قىزىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ›› شەكىللەندۈردى.

   يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ‹‹گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى›› قاتارلىق يەرلىكنىڭ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان 13 تۈرلۈك سىياسىتىنى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلدى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىنى نۇسخىلاش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇردى، كارخانا قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرىدىغان ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدى بىلەن يولغا قويدى، كارخانىلارنىڭ ئىچكى – تاشقى ئىككى بازاردىن، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش، جانلىق پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹ئىچىگە ماس كېلىدىغانلىرىنى ئىچىدە، تېشىغا ماس كېلىدىغانلىرىنى تېشىدا ئىشلىتىش››تەك ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ