تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

‹‹كۆك _ تاق››قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

   مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <كۆك – تاق>قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى باھالاش چارىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <كۆك – تاق>قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى باھالاش چارىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى›› مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى.
      
   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹كۆك – تاق›› قۇرۇلۇشى دېھقانلارنىڭ كىرىمى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ‹‹كۆك – تاق›› قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكى. ‹‹كۆك – تاق›› قۇرۇلۇشى ئاممىۋىلىققا، ئىجتىمائىيلىققا، ئۇللۇققا ئىگە بولۇپ، ‹‹كۆك – تاق›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ‹‹كۆك – تاق››قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى جەزمەن قاتتىق يولغا قويۇشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ‹‹كۆك – تاق››قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى باھالاشنى يولغا قويۇش شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا يەرلىكنىڭ ئىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەرەپ.

   يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شەھەر باشلىقىنىڭ ‹‹كۆك – تاق›› قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ‹‹كۆك – تاق›› قۇرۇلۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ‹‹كۆك – تاق›› مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، بازار ئوبوروت ئىقتىدارى، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى، تەڭشەش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹كۆك – تاق››قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ھەقىقىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ