تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە››نى ئېتىراپ قىلىشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

يېز ائىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى

  مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 1300 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ‹‹ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە››نى ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆتكەن بولۇپ، 2016 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %21 ئاشقان، ‹‹ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە›› بويىچە مۇھىتنى نازارەت قىلىش – ئۆلچەش كۆلىمى يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ %40.5ىنى ئىگىلىگەن. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ‹‹ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە››نى ئىلتىماس قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسى ئۈنۈملۈك ئۆسۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى.

   زىيانسىز دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ‹‹ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە›› دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئېتىراپنامىسى، ھەم شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ‹‹كىملىكى››.
        
    ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ پېيجيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق تارماقلىرى ‹‹ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە››نى ئىلتىماس قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېتىراپ قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى ‹‹ئىككى قولدا تۇتۇش››، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش بىلەن بازار تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ‹‹ئىككى تۈرتكە بولۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە›› گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن مەھسۇلاتلارغا تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق بىر قاتار كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، تولۇقلىما بېرىپ رىغبەتلەندۈرۈش، يۆلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ‹‹ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە›› بەرپا قىلىشنى ياخشى سىياسەت مۇھىتىغا ئىگە قىلدى.

   بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ‹‹ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە››نى ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىدە مول نەتىجە قولغا كەلدى، كېرىيەنىڭ قىزىلگۈلى، چىرىنىڭ چىلىنى، پىيالمىنىڭ ئانىرى، خوتەننىڭ خەسە ياڭىقى، ئاقسۇنىڭ ئالمىسى، كورلىنىڭ نەشپۈتى قاتارلىق ‹‹ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە›› ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن مەھسۇلاتلار ئارقا – ئارقىدىن بازار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى كۆپ سالاھىيەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ چوڭ سەھنىدە سۈپەت ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى. مەسىلەن: يېشىل يېمەكلىك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇغراپىيەلىك بەلگىسىگە ئىگە مەھسۇلاتتىن ئىبارەت ‹‹قوش ئېتىراپنامە››گە ئېرىشكەن جىڭنىڭ ئالقىتى خەلقئارا ‹‹تېز پويىز››غا چىقىرىلىپ، دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو – ياۋروپا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىگە ئايلاندى؛ يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇغراپىيەلىك بەلگىسى مەھسۇلاتى دېگەن ‹‹ئۈچ خىل سالاھىيەت››كە ئېرىشكەن گۇچۇڭ ئۇنى گۇچۇڭنى مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۇن تۈرىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە ئۈلگە رايونىغا ئايلاندۇردى. ‹‹ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە››نىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ بۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە بازار ئىستىقبالىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۈزەل نام كارتىسىغا ئايلاندى.

   يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى ‹‹<ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە>نى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2018 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)››نى تارقاتتى. كەلگۈسىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ بىر تۈركۈم بازا بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلارنى ئېچىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر تۈركۈم بازارنى نامايان قىلىپ ۋە ئېچىپ، بىر تۈركۈم كۇرۇسلۇق مەھسۇلاتلارنى يېتىلدۈرۈپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە›› خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2020 – يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ‹‹ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە›› مۇھىتىنى نازارەت قىلىش – ئۆلچەپ تەكشۈرۈش كۆلىمىنى يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %43ىدىن كۆپرەككە يەتكۈزىدىكەن، تەۋسىيە قىلىش، يۇقىرىغا يوللاش مىقدارىنىڭ يىللىق ئېشىش ھەجىمىنىڭ %8تىن يۇقىرى بولۇشىنى ساقلايدىكەن، مەھسۇلات سۈپىتىدە بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەنى، ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنىڭ %98تىن يۇقىرى بولۇشىنى ساقلايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ