تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گۇڭ لى تەكلىپ بويىچە 55-نۆۋەتلىك «ئالتۇن تۇلپار» مۇكاپاتىنى باھالاش ئۆمىكىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى

  «ئالتۇن تۇلپار» مۇكاپاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 7-ئاينىڭ 17-كۈنى جاكارلىشىچە، «ئالتۇن تۇلپار» مۇكاپاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى رەئىسى لى ئەننىڭ تەكلىپى بويىچە گۇڭ لى 2018-يىللىق «ئالتۇن تۇلپار» مۇكاپاتىنى باھالاش ئۆمىكىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

  گۇڭ لى خەلقئارا كىنو ساھەسىدە تەسىر كۈچكە ئىگە جۇڭگولۇق ئارتىس بولۇپ، ئۇ، خەلقئارالىق A تۈرلۈك كىنو بايراملىرىدا باھالاش ئۆمىكى رەئىسىلىكىنى ئەڭ كۆپ ئۈستىگە ئالغان جۇڭگولۇق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 2000-يىلى تەكلىپ بويىچە بېرلىن خەلقئارا كىنو بايرىمىدا، 2002-يىلى ۋېنىتسىيە خەلقئارا كىنو بايرىمىدا، 2003-يىلى توكيو كىنو بايرىمىدا، 2014-يىلى شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمىدا باھالاش ئۆمىكى رەئىسى بولغان، بۇ قېتىم ئۇ رېژىسسور لى ئەننىڭ تەكلىپى بويىچە «ئالتۇن تۇلپار» مۇكاپاتىنى باھالاش ئۆمىكىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، بۇ گۇڭ لىنىڭ بەشىنچى قېتىم خەلقئارا كىنو بايرىمىدا رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى ھىسابلىنىدۇ.

  1962-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە تارقىتىلىپ كەلگەن «ئالتۇن تۇلپار» مۇكاپاتى ئىزچىل جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ كەلگەن. بۇ قېتىم گۇڭ لىنى «ئالتۇن تۇلپار» مۇكاپاتىنىڭ باھالاش ئۆمىكى رەئىسىلىكىگە تەكلىپ قىلىشتا رېژىسسور لى ئەن گۇڭ لىنى مول خەلقئارا تەجرىبىگە ئىگە، دەپ قارىغان. بۇنىڭغا قارىتا گۇڭ لى مۇنداق دېگەن: «كىنو بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ۋە ئارزۇيىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەينەك. ھاياتىمنى كىنوغا بېغىشلاش، كىنو ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۆمۈرلۈك مەسئۇلىيىتىم ۋە ئىنتىلىشىم، رېژىسسور لى ئەننىڭ مېنى تەكلىپ قىلغىنىغا ۋە ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ