شىنخۇا تورى خەۋىرى: تومۇز ياز ئايلىرىدا، يۈننەن ئۆلكىسى پۇجېخېي دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا يېتىشتۈرۈلگەن 10 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆلەمدىكى نېلۇپەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ، ھەر كۈنى زور بىر تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ جايدا نېلۇپەر سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاغ-دەريالار ئارىسىدىكى ئېتىز باشلىرى پىژغىرىم ئىسسىقتا ساياھەتچىلەرگە سالقىندايدىغان سورۇن ھازىرلىدى.
پۇجېخېي دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى يۈننەن ئۆلكىسى چيۇبېي ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىن ئۈچ كېلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، سۇلۇق يەر بىلەن تاغ چوققىسى ئورمانلىقى بىر گەۋدىلىشىپ، ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرە ۋە ئالاھىدە كارست كۆلى سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان.