7–ئاينىڭ 16–كۈنى، بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسىنىڭ شارىلجىن كەنتىدىكى يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى گۈلناي شىرىك كەنتتىكى شياۋخې ئىستىراھەت كەنتىگە كېلىپ، ‹‹ئانىسى›› ۋاڭ يەنلىڭنى يوقلىدى. بۇرۇن ھەر يىلى قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدە، گۈلناي ئىستىراھەت كەنتىگە كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلاتتى. گۈلناينىڭ مۇشۇ ئىككى يىللىق تۇرمۇش خىراجىتى ۋە ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىشىغا ۋاڭ يەنلىڭ ياردەم بەرگەن.
2002–يىلى، 31 ياشقا كىرگەن ۋاڭ يەنلىڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ‹‹گولىن›› سودا ئىمپورت–ئېكسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن، كەنتتىكى بىر بېلىق كۆلىنى ھۆددىگە ئېلىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇ چاغلاردا ياش بولغاچقا غەيرەتلىك ئىدىم، بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشنى ئويلايتتىم.
ۋاڭ يەنلىڭ بىر نەچچە يىل ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىدا 2006–يىلى ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكىرىدىن نېلۇپەر كىرگۈزۈپ، بېلىق كۆلىدە ئۆستۈرۈپ سىناق قىلدى. 2008–يىلى ئاخىر شۇ يەرنىڭ ھاۋاسىغا باب كېلىدىغان نېلۇپەر سورتىنى تاپتى. ئۇ يەنە بېلىق كۆلىدىن پايدىلىنىپ شال تېرىپ، شاللىقتا قىسقۇچپاقا بېقىپ، ئىستېرېئولۇق باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ يىل جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ شەھىرىدىن گوۋجى شېلى، جياڭتاڭ شېلى، قاراگۈرۈچ، لوڭداۋ شېلى قاتارلىق يەتتە خىل ئورگانىك شالنىڭ يېڭى سورتىنى كىرگۈزۈپ، 60 مو شاللىقىدا تېرىپ سىناق قىلدى.
تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىغان ۋاڭ يەنلىڭ ئەتراپىدىكى 100دىن ئارتۇق دېھقان–چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، يەنە يۇرتىغا قايتقان ئائىلىسى نامرات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدە ئەمەلىيەت تەربىيەسى ئىش ئورنى تېپىشىغا ياردەملىشىپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەڭگىللەتتى. 2010–يىلىدىن بۇيان، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا يازلىق تەتىلدە ئەمەلىيەت تەربىيەسى ئىش ئورنى ھازىرلاپ بېرىش، تۇرمۇش پۇلى ئەۋەتىپ بېرىش، كىيىم–كېچەك سوۋغا قىلىش، مەكتەپكە قايتىدىغان پويىزنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق 20دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى، كۆپچىلىك ئۇنى سەمىمىي ھالدا ‹‹ۋاڭ ئانا›› دەپ ئاتىدى.