شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ گۇڭجياۋ مەھەللە كومىتېتى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى كەسپىي غوڭۇلداق(ئويۇنچۇق) ئۇستىسىنى تەكلىپ قىلىپ، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش . غوڭۇلداق ئويۇنى ئويناش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. غوڭۇلداق(ئويۇنچۇق) ئۇستىلىرى نەق مەيداندا بالىلارغا غوڭۇلداق (ئويۇنچۇق) نىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈردى. بالىلار ئۇستىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە غوڭۇلداق (ئويۇنچۇق)لارنى رېتىمغا ماسلاشتۇرۇپ ئويناپ، خۇشاللىقلىرىنى باسالماي قالدى.
كىچىك دوستلار 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى ئاممىۋى سەنئەت سارىيىدا بالىت ئۇسسۇلى ئۆگەنمەكتە. ھەر خىل ئۆزگىچە يازلىق تەتىل پائالىيەتلىرى بالىلارنى مول بىلىمگە ئىگە قىلدى.