ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى. ئالغا ئىلگىرىلەش، ئايلىنىش، ئىنفرا قىزىل نۇرىدا تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش، سانلىق مەلۇماتنى يوللاش... 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، 220 كىلوۋاتلىق سەنگوڭ تىرانسفورماتور ئىستانسىسىدا، بىر «پال كۆز» ماشىنا ئادەم كىچىك ئۆيدىن ئاستا چىقىپ، بەلگىلەنگەن لىنىيە بويىچە تىرانسفورموتور ئىستانسىسىنىڭ ئەسىلىھەلەر رايونىغا كىرىپ ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈردى.
ماشىنا ئادەم ھەر بىر بىكىتىلگەن ئورۇننىڭ ئالدىدا توختاپ «كۆز» ىنى توغۇرلاپ ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئۈسكۈنە ئىندىكاتور (توك سائىتى ئۆلچەم تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى) ى، ئورۇن كۆرسەتمىسى، ھەرىكەتلىنىش تېمپېراتۇرىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرىدۇ. تىرانسفورموتور ئىستانسىسىنىڭ ئاساسىي كونترول ئۆيىدە خىزمەتچىلەر كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ماشىنا ئادەم يوللىغان تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، بۇ شىركەت 220 كىلوۋولتلۇق سەنگۇڭ تىرانسفورموتور ئىستانسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 تىرانسفورموتور ئىستانسىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلىغۇچى ماشىنا ئادەمنى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. ھازىر سىناق قىلىش خىزمىتى تاماملىنىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەرتىپكە سېلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەنگەن.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە تەۋە 86 تىرانسفورموتور ئىستانسىسىنىڭ 22 سىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلىغۇچى ماشىنا ئادەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
22 تىرانسفورموتور ئىستانسىسىدا قوللانغىلى ئومۇمەن رېلىسسىزلاشتۇرۇلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلىغۇچى ماشىنا ئادەم بولۇپ، بۇ خىل ماشىنا ئادەم بەلگىلەنگەن چارلاش ۋاقتىغا ئاساسەن دائىملىق چارلاش ياكى ئالاھىدە چارلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، تېمپېراتۇرىسى، چاقماق قايتۇرغۇچتىن توك قېچىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىندىكاتور سائىتىدىكى ئوقۇلغان سان، بايقالغان بىنورمال سانلىق مەلۇماتلارغا قارىتا ئاپتوماتىك سىگنال بېرىپ، سانلىق مەلۇمات ۋە رەسىملەرنى ساقلاپ، ئېلېكتىرونلاشتۇرۇلغان چارلاش مەلۇمات جەدۋىلىنى ھاسىل قىلىدۇ .
ھەر خىل ناچار ھاۋارايى شارائىتىدىمۇ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش ماشىنا ئادىمى مۇستەقىل چارلاش ياكى سۈنئىي تىزگىنلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۈسكۈنىلەرنىڭ مەشغۇلات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى 12-ئايدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى كىرگۈزگەن تۇنجى رېلىسسىزلاشتۇرۇلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش ماشىنا ئادەم، 220 كىلوۋولتلۇق پولات-تۆمۈر تىرانسفورموتور ئىستانسىسىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ رېلىسسىزلاشتۇرۇلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش ماشىنا ئادىمىنىڭ تىرانسفورموتور ئىستانسىسىنى چارلىشىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان.