دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇسسۇل مۇسابىقىسنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى فۇجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى
مۇھەررىر :
ھەلىمە قۇربان
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/07/18 16:04
فۇجيەن پىداگوگىكا داشۆسى مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نومۇر ئورۇندىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئىككىنچى قېتىملىق دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇسسۇل مۇسابىقىسنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھىرىدە يوپۇقىنى ئاچتى. بۇ مۇسابىقىنى فۇجيەن ئۆلكىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئۆلكىلىك مائارىپ ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۆلكىلىك ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ مۇسابىقىگە دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 30دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپنىڭ 80 سەنئەت نومۇرى قاتناشتۇرۇلغان. (سۇڭ ۋېيۋېي فوتوسى)
جىمېي داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى فۇجوۋ چوڭ تىياتىرخانىسىدا نومۇر ئورۇندىماقتا.
شيامېن داشۆسى سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نومۇر ئورۇندىماقتا.
تەيبېي سەنئەت داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نومۇر ئورۇندىماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر :
قۇربانجان قېيۇم
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.