شىنخۇا تورى خەۋىرى: 38-نۆۋەتلىك ئامېرىكا لوس ئانژېلېس نېلۇپەر بايرىمى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى لوس ئانژېلېسنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى باغچىدا باشلاندى. ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولغان جۇڭگو بۇ قېتىملىق نېلۇپەر بايرىمىنى باش بولۇپ ئۆتكۈزۈشكە قاتناشتى، جۇڭگونىڭ لوس ئانژېلېستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ پىڭ، لوس ئانژېلېس شەھىرىنىڭ باشلىقى گارسېت ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەر ساھەسىكى ئەربابلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
جاڭ پىڭ سۆز قىلىپ: «لوس ئانژېلېس كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت، بۇ جايدا ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق-ئىجىل ئۆتىدۇ. جۇڭگو مەدەنىيىتى لوس ئانژېلېستا كەڭ تەسىرگە ئىگە، جۇڭگولۇقلار مەھەللىسى لوس ئانژېلېسنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا نۇرغۇن تۆھپە قوشقان. بۇ، جۇڭگونىڭ ئىككىنچى قېتىم ئاساسىي مېھمان سۈپىتىدە لوس ئانژېلېس نېلۇپەر بايرىمىنى باش بولۇپ ئۆتكۈزۈشكە قاتنىشىشى، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، لوس ئانژېلېستىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو مەدەنىيىتىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ، بۇ، جۇڭگو ۋە ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.
گارسېت سۆز قىلىپ: «لوس ئانژېلېس ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلار ئەڭ كۆپ شەھەرلەرنىڭ بىرى. لوس ئانژېلېس جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، لوس ئانژېلېس بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي قاتارلىق ھەر جەھەتتە زىچ ئالاقىسى بار، بۇ نۆۋەتلىك نېلۇپەر بايرىمى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلدى، لوس ئانژېلېس ئاھالىسىنى جۇڭگو مەدەنىيىتىدىن ھۇزۇر ئالىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى» دېدى.
كۈرمىڭلىغان لوس ئانژېلېس شەھەر ئاھالىسى باغچىدا نېلۇپەرلەرنى تاماشا قىلغاچ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى، جۇڭگو نازۇ-نېمەتلىرىگە ئېغىز تەگدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق نېلۇپەر بايرىمى ئىككى كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، لوس ئانژېلېس شەھەرلىك تاماشا ۋە باغچا ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو 2010-يىلى تۇنجى قېتىم ئاساسىي مېھمان دۆلىتى سۈپىتىدە لوس ئانژېلېس نېلۇپەر بايرىمىنى باش بولۇپ ئۆتكۈزۈشكە قاتناشقان.