تورىمىز خەۋىرى: - مەن ئەتىگەندىلا كېلىپ ئۆچىرەتتە تۇردۇم، بۈگۈن 2940 كىلوگىرام بۇغداي ساتتىم، ئاشلىق پونكىتىدىكىلەر نەق مەيداندىلا « ھەممىباب كارتا »مغا 7114.8 يۈەن پۇل ئۇردى،-بۈگۈر ناھىيەسى بۈگۈر بازىرى ديخال كەنتى 3-گۇرۇپپىدىكى دېھقان تۇرسۇن ھوشۇر 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ بۇغداي سېتىشىپ بەرگەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئەخمەتنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ يۇقارقى سۆزلەرنى قىلدى.
تۇرسۇن ھوشۇر بۇ يىل 56 ياشتا بولۇپ، ئايالى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىغا گىرىپتار بولغاچقا، ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئىدى، بۈگۈر ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ بۈگۈر بازىرى ديخال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن كەنتتىكى «يازلىق يىغىم زەربىدارلار ئەترىتى»نى تەشكىللەپ، ئۇنىڭ سەككىز مو بۇغدىيىنى بىر كۈن ئىچىدە ئورۇپ، ئېڭىز ئاغدۇرۇپ، ئوغۇتلاش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.
-بۇ يىل بۇغداينىڭ باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ھەر كۈنى سەھەردىلا دېھقانلار بۇ يەرگە كېلىپ ئۆچىرەتتە تۇرىدۇ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىپ بېرىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى،- دېدى بۈگۈر ناھىيەسى ئاشلىق يىغىپ-ساقلاش پونكىتىنىڭ مەسئۇلى.