7-ئاينىڭ 14-كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى بارلۇق تېغى باغرىدا سۈرەتكە تارتىلغان قىچىزارلىقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ خۇاگۇاڭ خەۋىرى، فوتوسى: تومۇز ياز پەسلىدە، چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى بارلۇق تېغى تېخىمۇ گۈزەل ھۆسنى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. كۆپكۆك ئاسماندا توپ-توپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئاپئاق بۇلۇتلار، تاغ باغرىدا ھۆپپىدە ئېچىلغان قىچا گۈللىرى، كەڭ كەتكەن يايلاقتا يايلاپ يۈرگەن پادىلار سىزگە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ جاي ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەيدانى بولۇپلا قالماي، پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك جايىدۇر.