خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى 2018-يىللىق راكقا قارشى دورىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىجازىتى مەخسۇس سۆھبەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.
دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئالاقىدار ئىلمىي جەمئىيەتلەرگە قىسمەن كارخانىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىشنى ھاۋالە قىلىپ، ئۆسمىنى مەركەزلىك داۋالاش، دورىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، سۇغۇرتا كارخانىلىرى بىمارلارنىڭ كۆپ تەرەپلىك مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. چەتئەل مەبلەغ سالغان 10 كارخانا بىلەن سەككىز ئىچكى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئالاقىدار ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشقان. كېيىنكى باسقۇچتا، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، كارخانىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى تېزدىن سۈپىتى تېخىمۇ ئەلا، باھاسى تېخىمۇ تۆۋەن جاننى قۇتقۇزىدىغان دورا بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
2017-يىلى، ئىجازەت سۆھبىتى ئارقىلىق، خېسەيتىڭ، مېيلوخۇا، ۋەنكې قاتارلىق 15 خىل داۋالاش ئۈنۈمى ھەقىقىي لېكىن باھاسى قىممەت راكنى داۋالايدىغان دورىلار داۋالىنىش سۇغۇرتا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بىمارلارنىڭ دورا ئىشلىتىش خىراجىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلگەن.