شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە ئېلىپ كىرىش» تۇرپاننىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ سېتىۋېلىش بويىچە تۇنجى ئۇچۇش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇرپان يارغول ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلدى. تۇنجى قېتىم سېتىۋېلىنغان ئۈچ توننا ئۈزۈم، قوغۇن قاتارلىق يەرلىك مېۋىلەر شۇ كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىگە ئەۋەتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت خۇنەننىڭ داڭلىق پارچە سېتىش كارخانىسى «بۇبۇگاۋ» گۇرۇھى بىلەن تۇرپان شەھىرىنىڭ كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيە كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، تۇرپان ئۈزۈمى، قوغۇنى قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ خۇنەنگە توشۇلۇشى بولۇپ، 10-ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن. ھەمكارلاشقان يەرلىك كارخانا «ئاتەش يۇرتى» مېۋىچىلىكى بۇنىڭدىن كېيىن تۇرپاننىڭ يەرلىك ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى باسقۇچ، تۈركۈم (قېتىم) گە بۆلۈپ خۇنەنگە ئاپىرىپ ساتىدىكەن. كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىشىدىكەن.
«بۇبۇگاۋ» گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش لېدىرى چېن جىچاڭ مۇنداق دېدى: خۇنەنلىك ئىستېمالچىلار شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. گۇرۇھىمىز بۇنىڭدىن كېيىن تۇرپاننىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشى ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ بىۋاسىتە سېتىۋېلىش ئارقىلىق، تۇرپاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلىرىنى ئىستېمالچىلار بىلەن تېز ئۇچراشتۇرۇپ، كۆپچىلىككە «ئاتەش يۇرتى» نىڭ 7-ئايدىكى قىزغىنلىقىنى، تۇرپان خەلقىنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.