تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى كەم ـ كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

سىياسىي كېڭەش ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ نۇرلان ئىمىن

   مەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ‹‹تۆتكە بويسۇنۇپ››، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ھالدا زىممەمگە ئېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

   ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇش كۈرىشى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى، خەلقنىڭ بەختىنى قوغدايدىغان بىر مەيدان كۈرەش. بىز بۇ كۈرەشتە تېررورلۇققا  قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ‹‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ئۆزىمىزدىن باشلاش››نى ئاڭلىق ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا بەختلىك تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى، بىز ھەر قانداق ئادەمنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. بىز ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى كۈچەيتىپ، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتىكى ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

   ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. مەن چىن دىلىمدىن پارتىيەنى سۆيىمەن، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەگە سادىق بولىمەن، ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىمنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى باشتىن – ئاخىر ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق ئەھۋالدا غايە – ئېتىقادىمدىن تەۋرەنمەي، سىياسىي جەھەتتىكى سەزگۈرلۈكۈم، قەتئىيلىكىمنى ساقلاپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە، خەلققە سادىق بولۇپ، سىياسىي ئاڭ ئارقىلىق پارتىيەۋىلىك ئاڭلىقلىقىمنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەيدانىمدىن تەۋرەنمەيمەن. كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ھەرۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلمايمەن. سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمنى ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خاتا ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك خاتا سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەلىكلەر پارتىيەگە ئىشىنىش، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشنى ئومۇملۇق ئېڭى ئارقىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇملۇقنى توغرا تونۇپ، ئومۇملۇققا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ئومۇملۇقنى قەتئىي قوغدايمەن. بىردەكلىك ئېڭىمنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بىردەكلىك ئېڭىنى خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

   ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغداپ، باش نىشاننى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. پارتىيەنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، مەڭگۈ ئاۋانگارت جەڭچى بولۇش خىسلىتىمنى مەڭگۈ ساقلاشتىن ئىبارەت ‹‹يىلتىزىم›› ۋە ‹‹روھىم››نى باشتىن – ئاخىر ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن. ‹‹كادىرلار ئىستىلىنىڭ پۇختا بولماسلىقى ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز›› دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، باش نىشاننى خىزمەت ئورنۇمدا، ھەرىكىتىمدە، خىزمەت ئۈنۈمىمدە كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قىيىنچىلىق، زىددىيەتكە دۇچ كەلگەندە جاپاغا چىداپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەۋپ – خەتەر ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە يامان كەيپىياتقا قارشى باتۇرلۇق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، مەيدانىم قەتئىي مۇستەھكەم، بايرىقىم قەتئىي روشەن ھالدا باشتىن – ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1 –  سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى قەتئىي ئومۇميۈزلۈك تازىلاپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنى ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ