تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«مېنىڭ يەنە بىر ياخشى بالام بار بولدى»

 شىنجاڭ گېزىتىنىڭ تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ چۈنلىن،  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ فېڭ

   7-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇزەپپەر مالىك ئاپىسى گۈلبەھرەم روزاخۇننىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، يان تېلېفوندىكى سۈرەتلەرنى كۆرگەچ، چۈچۈك تىللىرى بىلەن: ئاپا، بۇ ئاكاش كىمۇ؟ دەپ سورىدى.

   __  بۇ ئاكاش مېنىڭ قازاق ئوغلۇم، شۇنداقلا سېنىڭ ئاكاڭ بولىدۇ، ئىسمى ئېربۇلان قاجىتبېك، _ دەپ جاۋاب بەردى گۈلبەھرەم روزاخۇن.

   گۈلبەھرەم روزاخۇن بىلەن ئېربۇلاننىڭ ھېكايىسىنى 2017-يىلىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ يىلى 1-ئايدا، گۈلبەھرەم روزاخۇن چۆچەك شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپتىن قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى تېبكىن ئۇسان يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپكە يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. گۈلبەھرەم روزاخۇن ئېربۇلاننىڭ گەرچە ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولمىسىمۇ، ئادەتتە ناھايىتى ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ ئېربۇلاننى ئۆگىنىشتە ياردەم بېرىدىغان نۇقتىلىق ئوبيېكت قىلىپ، ھەركۈنى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭغا دەرس تولۇقلاپ، تەكرار قىلىپ بەردى. بىر قېتىم ھامبۇرگ بولكىسىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر تېكىستنى سۆزلەۋاتقاندا، ئۇ ئېربۇلاننىڭ دەرسلىكنى ناھايىتى قىزىقىپ كۆرۈپ، ساۋاقداشلىرىغا نېمىلەرنىدۇ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى، ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئېربۇلاننىڭ ئەزەلدىن ھامبۇرگ بولكىسى يەپ باقمىغانلىقىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن، گۈلبەھرەم روزاخۇن چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئېربۇلانغا بىر ھامبۇرگ بولكىسى ئەكىلىپ بەردى. گۈلبەھرەم روزاخۇن ئېربۇلاننىڭ ھامبۇرگ بولكىسىنى مەززە قىلىپ يېگەنلىكىنى كۆرۈپ: بالام، بۇنىڭدىن كېيىن مەن سېنىڭ ئاپاڭ بولاي، مەن ساڭا ئۆز ئوغلۇمدەك كۆيۈنىمەن، دېدى. ئېربۇلان: بۇنىڭدىن كېيىن سىز مېنىڭ گۈلى ئاپام، مېنىڭ ئىككى ئاپام بار بولدى! دېدى خۇشال ھالدا.
      
    ئۇزاق ئۆتمەي، گۈلبەھرەم روزاخۇن ئېربۇلان بىلەن ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككىدە ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش››تىكى قوشماق تۇغقانلاردىن بولۇپ قالدى. بۇ ئۇيغۇر ئانا بىلەن قازاق ئوغۇلنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلاشتى.

   ئېربۇلان ئاغرىپ قالسا، گۈلى ئاپىسى ئۇنىڭغا دورا ئېلىپ بەردى، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى؛ ئائىلە زىيارىتى قىلغاندا، گۈلى ئاپىسى دائىم ئېربۇلانغا سوۋغات ئېلىپ بەردى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە گۈرۈچ، ماي ئاپىرىپ بەردى؛ تەتىل كۈنلىرىدە، گۈلى ئاپىسى ئېربۇلانغا ئۆز قولىدا ئەتكەن تاماقلارنى ئاپىرىپ بەردى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى مەززىلىك تاماققا بىرلىكتە ئېغىز تەگدى.

   ئېربۇلانغا سىڭدۈرگەن چىن مۇھەببىتىدىن گۈلبەھرەم روزاخۇن ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدى. بىر قېتىم مەكتەپ ‹‹ۋەتىنىم قەلبىمدە›› دېگەن تېمىدا قوليازما گېزىتى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ھاياجانلانغان ھالدا گۈلبەھرەم روزاخۇنغا: بەك ياخشى بولدى! بەك ياخشى بولدى! ئىلگىرى مەكتەپنىڭ پائالىيىتىگە ئەزەلدىن قاتناشمايدىغان ئېربۇلان بۈگۈن مەندىن تىزىمغا ئالدۇرۇش قەغىزى ئېلىپ كەتتى، دېدى. خۇشاللىقىنى باسالمىغان گۈلبەھرەم روزاخۇننىڭ ئوغلىنىڭ قانداق رەسىم سىزغانلىقىنى كۆرگۈسى كەلدى. گۈلبەھرەم روزاخۇن سىنىپقا كىرىپ، ئېربۇلاننىڭ پۈتۈن دىققىتى بىلەن رەسىم سىزىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئېربۇلان رەڭلىك بوياقتا دۆلەت بايرىقى، تيەنئەنمېننى سىزغانىدى، گۈلبەھرەم روزاخۇن ئۇنى تۇغما قابىلىيىتى بار ئىكەن، دەپ قايتا – قايتا ماختىدى.

   شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئېربۇلان 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. كەچتە، گۈلبەھرەم روزاخۇن ئېربۇلاننىڭ ئاتا-ئانىسىدىن كەلگەن تېلېفوننى ئالدى، ئۇلار: بالىمىز تېخىمۇ ئىش ئۇقىدىغان بولدى، دۆلەت ئورتاق تىلىنىمۇ بارغانسېرى ياخشى سۆزلەيدىغان بولدى، دېدى، بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا، ئېربۇلاننىڭ ئانىسىنىڭ يىغىدىن ئاۋازى چىقماي قالدى. گۈلبەھرەم روزاخۇن مۇنداق دېدى: بالىنىڭ كىچىككىنە ئىلگىرىلىشىنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن زور تەسەللى بولىدۇ. مەنمۇ ناھايىتى بەختلىك، چۈنكى مېنىڭ يەنە بىر ياخشى بالام بار بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ