تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا قەتئىي تۈرتكە بولىمەن

 چۆچەك شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاۋدات مەنسۇر

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھچى بولدۇم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل–قىزلارنىڭ پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم.

   پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ‹‹پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپىمدىكى ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن، تەربىيەلەيمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆزگەرتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ئۇلارنىڭ ئەسەبىيلەشكەن، ئادەم قېلىپىدىن چىققان رەزىل ئەپت–بەشىرىسى، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى رەزىل خاراكتېرى، ۋەتەننى پارچىلايدىغان جىنايى ماھىيىتى تولۇق ئاشكارىلاندى. بىز مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ، دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك.

   مەن مەسئۇلىيەت ئېڭىمنى كۈچەيتىپ، بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي پۇرسەت بەرمەي، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن؛ دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ھەقىقىي ياخشىلايمەن؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى پۇختا كاپالەتلەندۈرىمەن؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پۇختا ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمەن.

   مەن ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق–ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا باشتىن–ئاخىر زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيەدە يادرونى قەلبتىن چوڭقۇر ئېتىراپ قىلىش، سىياسىيدا يادرونى قەتئىي قوغداش، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا ئاڭلىق بويسۇنۇش، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىشكە پائال يېتەكلەيمەن. ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەيدانىم ۋە سىياسىي ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن–ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن ھەم ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ھەر ۋاقىت قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم–كوتسىز، ئەينەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشنى قىلماي، ئاڭلىق ھالدا سىياسىيدا زېرەك ئادەم ۋە پارتىيەگە مۇتلەق سادىق سەمىمىي ئادەم بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ