تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى بولىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق سارىيىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېھرىگۈل تاھىر

   پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېڭى بۇرچ، يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىش ئىرادەم ۋە جاسارىتىمنى چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، مۇستەھكەم مەيدان، پۇختا ئىستىل بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتەك دەۋر مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممەمگە ئالىمەن.

   غايە – ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپە ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەشەببۇسكارلىق جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمەن.

   مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىمەن. سىياسىي مەيدان قاتارلىق زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە، باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن. كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، بايراقلىق ۋە ئۈلگىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھالقىلىق پەيتتە، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندەك بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، زەربىدارلىق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، دادىللىق بىلەن پارتىيە ۋە ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە سادىق بولۇش ساداسى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىمەن؛ ئەتراپىمدىكىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش توغرىسىدا پائال تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن؛ ھەر مىللەت ئاممىنى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش، پىتنە – ئىغۋالارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن رەددىيە بېرىش، ئىلىم – پەننى، يېڭى تۇرمۇشنى قەدىرلەش، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى قەتئىي چەكلەش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىق قىلىمەن ۋە سەپەرۋەر قىلىمەن؛ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ھەقىقىي ئۈلگىسى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەلبىمدىن ھەقىقىي ئورۇن ئالدۇرۇپ، ئۇنى خىزمەتتە، تۇرمۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى كادىر، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشتىكى ياخشى كادىر بولىمەن.

   قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل – پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەيمەن. بايرىقىم روشەن ھالدا خىزمەتچىلەر قوشۇنىدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە – ئىتتىپاق خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان بەرپا قىلىمەن. خىزمەتچىلەر بىلەن ۋاقتىدا سىردىشىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىدا، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت خىزمەتچىلەرنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

   يېڭى دەۋرنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، يېڭى مۇساپىنىڭ سىگنالى چېلىندى. بىز روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، غايە – ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەيمەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۈزلۈكسىز ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىپ، باشتىن – ئاخىر باش نىشاننىڭ سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، كۈچلۈك قوغدىغۇچىسى بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ