سانجى شەھەرلىك خەلق باغچىسىدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى كىچىك دوستلار بىلەن لىق تولدى.
تورىمىز خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بۇ يىلقى تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقاتتى. شۇ كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شىمگۇ باغچىسى ۋە سانجى شەھەرلىك خەلق باغچىسىدا زىيارەتتە بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئائىلە بويىچە باغچىلارغا كېلىپ سالقىنداۋاتقانلىقىنى كۆردى. بەزىلەر دەرەخ سايىسىدا ئارام ئالغاچ پاراڭلاشسا، بەزىلەر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە سەكرەپ چۈشۈپ ئويناۋاتقان، يەنە بەزىلەر كىچىك كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ باغچا مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىۋاتقان بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىنمۇ باشقىچە ھۇزۇر ئالماقتا ئىدى.