شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 7-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 10-كۈنى شياڭگاڭنىڭ سوسېبايس سەنئەت بوشلۇقىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى باش تېما قىلغان سۈرەتلەر توپلىمى «يول باشلاش»نىڭ فىلىم كۆرگەزمىسى ۋە يېڭى كىتاب ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
«يول باشلاش» ناملىق سۈرەتلەر توپلىمى ئامېرىكا «دۆلەت جۇغراپىيەسى» جۇڭگولۇق فوتوگرافلار ئۈچۈن نەشر قىلدۇرغان تۇنجى سۈرەتلەر توپلىمى بولۇپ، بۇ توپلامدا 800 دىن ئارتۇق سۈرەت ئارقىلىق يېپەك يولىنى بويلىغان 30 دۆلەتنىڭ سودا پۇرسىتى، قىياپىتى ۋە ئادەمگەرچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلغان.
بۇ توپلامنىڭ ئاپتورى شياڭگاڭلىق سائەت سودىگىرى، فوتوگراف لى شيۇخېڭ بولۇپ، بۇ توپلامدىكى سۈرەتلەر لى شيۇخېڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» نى بويلىغان شەھەرلەردە بازار ئېچىش مەزگىلىدە تارتقان سۈرەتلىرى ئىكەن.
«دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلى خەنزۇچە نۇسخىسىنىڭ كەسپىي تەرەققىيات باش نازارەتچىسى سەي ياۋمىڭ: «<بىر بەلباغ، بىر يول> تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، <دۆلەت جۇغراپىيەسى> ژۇرنىلى <يول باشلاش> ناملىق بۇ توپلامنى نەشر قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ يەنە بۇ خىل تېمىدىكى بىر ياخشى باشلىنىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ» دېدى.