شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فىنوم پېن، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى: «جۇڭگو كىنو ھەپتىلىكى» ھەمدە 3-نۆۋەتلىك «جۇڭگو-كامبودژا مۇنەۋۋەر فىلىملىرىنى سەييارە قويۇش» پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى كامبودژا پايتەختى فىنوم پېندا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى جۇڭگونىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە كامبودژا مەدەنىيەت-سەنئەت مىنىستىرلىقى بىرلىكتە باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ كامبودژادا ئاچقان جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇق ئىستانسىسى ۋە جۇڭگو كىنوچىلىق گۇرۇھى شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.
كامبودژانىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى مېن سام ئول، جۇڭگونىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيۇڭ بو، كامبودژا مەدەنىيەت-سەنئەت ۋەزىرى پوئېئون ساكۇنا، جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئېسانو قاتارلىق سىياسىي ئەربابلار ۋە كامبودژا ياشلار بىرلەشمىسى، كامبودژا-جۇڭخۇا كېڭەش ئەزالىرى باش جەمئىيىتى قاتارلىق ئاپپاراتلار ۋەكىللىرى ۋە مىڭغا يېقىن يەرلىك تاماشىبىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە كامبودىيان تىلىدا ئاۋاز بەرگەن فىلىم «قۇيۇندەك ئاياللار كوماندىسى» نى كۆردى.
بۇ نۆۋەتلىك فىنوم پېندا ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو كىنو ھەپتىلىكى» بەش كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ 2018-يىلىدىكى جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇقىنىڭ 60 يىللىقىدىكى مۇھىم تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. پائالىيەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت، كىنو قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
كىنو ھەپتىلىكى مەزگىلىدە كامبودىيان تىلىدا ئاۋاز بېرىلگەن «قۇيۇندەك ئاياللار كوماندىسى»، «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى»، «جەڭ بۆرىسى 2» قاتارلىق جۇڭگونىڭ نادىر فىلىملىرى ھەقسىز قويۇلىدۇ.