يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئادەتتە كۆز ئوقىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇردا تۈزەش ئوپېراتسىيەسى مۈڭگۈز پەردىسىنى قىرىش ئارقىلىق مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش دەرىجىسىنى تۈزەش ئارقلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئوپېراتسىيە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى تەلتۆكۈس ساقايتماستىن بەلكى تۈزەيدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ئوپېراتسىيە باشقا كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالىيالمايدۇ ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ، ھەر خىل كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنىمۇ تۆۋەنلىتەلمەيدۇ ياكى يۇقىرىلىتالمايدۇ.
يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتىسيەسى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرەلەمدۇ؟
بىمارلار دائىم ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن دوختۇردىن: دوختۇر ئوپېراتسىيەدىن كېيىن كۆرۈش قۇۋۋىتىم ئەسلىدىكى 5.1 ھالىتىگە كېلەمدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ. يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇردا داۋالاش ئوپېراتسىيەسى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى چەكسىز يۇقىرى كۆتۈرەلمەيدۇ، پەقەت بىمارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئوپتىك ئەينەك تاقىغاندىكى ھالىتىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئەمما بۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇردا داۋالاش ئوپېراتسىيەسى مۈڭگۈز پەردىسىنى ئوپتىك كۆزئەينەككە ئايلاندۇرغانغا باراۋەر بولۇپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاساسەن ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرى ئوپتىك كۆزئەينەك تاقىغانغا ئوخشاش بولىدۇ.
يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتىسيەسى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرەلەمدۇ؟
مۇھەررىر :
ئايزۆھرە ئەنۋەر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/07/12 15:30
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.