بىر ساياھەتچى بالىسى بىلەن قار ئۈستىدە چاق تېيىلماقتا.
تورىمىز خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، باش تومۇز ئەمدىلا كىرىشى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پىژغىرىم ئىسسىق بولدى، شىنجاڭدا بولسا، ئائىلە ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىن ئۆتۈۋاتقان ساياھەتچىلەر قار تېيىلىپ ئويناپ، تازا پۇخادىن چىقتى. شۇ كۈنى، مۇخبىر مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا كېتىۋېتىپ، دېڭىز يۈزىدىن 3400 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قاشلىغىن تاشيولى تۇنېلى ئەتراپىدا نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ قار تېيىلىپ، خۇشاللىققا چۆمگەنلىكىنى كۆردى.
خاڭجۇلۇق ساياھەتچى لى خاۋ مۇنداق دېدى: بالىلار تەتىلگە چىقىشى بىلەن ئۇلارنى ئېلىپ شىنجاڭغا ساياھەت قىلغىلى كەلدۇق، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى ئۆزگىچە گۈزەل دەپ ئاڭلاپ، ئائىلە ئاپتوموبىلىمىزنى ھەيدەپ يولغا چىقتۇق، يازدىمۇ قارنى كۆرەلەيمىز، دەپ ئويلاپ باقماپتۇق، بالىلار قار تېيىلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدى، سەپىرىمىز ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەر بىلەن تولدى.
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت يولى 217-لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ يول قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئىككىنچى تىيانشان تاشيولى ھېسابلىنىدۇ. مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ۋە كىلىمات شارائىتىغا ئىگە بولغاچقا، يىلبويى نورمال قاتناشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، ھەر يىلى 11-ئاينىڭ باشلىرىدىن كېلەر يىلى 5-ئايغىچە قاتناشقا چەك قويۇلىدۇ. 6-ئايدىن 10-ئايغىچە نورمال ئېچىۋېتىلىدۇ، گەرچە ئاپتوموبىللار بۇ يولدا بەش ئاي دېگۈدەكلا نورمال قاتنىيالىسىمۇ، بىراق، ھەر يىلى نەچچە مىليون ساياھەتچىنى ئاپتوموبىلى بىلەن بۇ يەردىن ئۆتكەچ، بۇ گۈزەل تاشيول بويىنى ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ.