تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئاياغلىشىشى ۋە يازلىق تەتىلنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ھەر قايسى دوختۇرخانىلارنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈملىرى لازىر نۇر بىلەن يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتىۋالدى.

   كۆرۈش قۇۋۋىتىنى لازىر نۇر بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلاۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ئوپېراتسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىدىن شۈبھىلىنىدۇ ۋە خەۋپىدىن قورقىدۇ. جياڭسۇ ئۆلكىلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى كەي لازىر نۇر ئارقىلىق يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاش توغرىسىدىكى سوئاللارغا مۇنداق جاۋاب بەردى.

   يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇردا داۋالاش ئوپېراتسىيەسى بىخەتەرمۇ؟

   كۆز ئوپېراتسىيەسىگە نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى ئەما بولۇپ قېلىش. پىرىنسىپ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇردا ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش پەقەت كۆز ئالمىسىنىڭ سىرتقى يۈزىنىلا ئوپېراتسىيە قىلىش بولۇپ، لازىر نۇر مۈڭگۈز پەردىسىگە ئۆتۈپ كەتمەيدۇ، كۆز  ئىچىگە كىرىپ كۆز توقۇلمىلىرىنى زەخمىلەندۈرمەيدۇ ھەم ئەما بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

   بەزى كىشىلەر بۇ خىل ئوپېراتسىيەنى قىلدۇرغاندا ياشانغاندا ئەما بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. بۇنىڭ پىرىنسىپىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش بولۇپ، لازىر نۇرى ئوپېراتسىيەسى پەقەت كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلايدۇ، كۆز تېگىدىكى كۆرۈش تور پەردىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش سەەۋبلىك ئەما بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقمايدۇ. كۆرۈش تور پەردىسىدىكى نېرۋىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئادەم ئەما بولۇپ قالىدۇ، بۇ خىل ئوپېراتسىيەدە ئىچكى كۆزگە چېقىلمايدىغان بولغاچقا كۆزنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئەما بولۇپ قېلىش خەۋپىمۇ كۆرۈلمەيدۇ.

    يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇردا داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنىڭ خەۋپى چوڭمۇ؟

     30 يىلغا يېقىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇردا داۋالاش ئوپېراتسىيەسى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ۋە پىشقان تېخنىكىغا ئايلاندى. دۇنيادا مۇتلەق مۇكەممەل ئىش يوق، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسىمۇ شۇنداق. يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇرىدا داۋالاش ئوپېراتسىيەسى ھەممە كىشىنى رازى قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن. بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك بولۇش ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرىكى قاتتىق تەكشۈرۈش، قېلىپلاشقان ئوپېراتىسيە جەريانى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئىنچىكە پەرۋىش قىلىش ئاساسىدا روياپقا چىقىدۇ. يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى بار ھەر بىر بىمارنىڭ بۇ خىل ئوپېراتسىيەگە ماس كېلىشى ناتايىن، شۇڭا دوختۇرلار ئوپېراتسىيە قىلىشتىن ئىلگىرى تەپسىلىي، ئەتراپلىق ۋە قاتتىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىمارنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىنى چوقۇم يېتەرلىك قېلىنلىقتا ۋە مېخانىكىلىق چىدامچانلىق دەرىجىسىدە قالدۇرغاندا، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىماردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك زىيادە ئېغىر ياكى مۈڭگۈز پەردىسى زىيادە نېپىز بولسا، ئوپېراتسىيە قىلىش مەنئىي قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ