شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن رىۋايەت تۈسىنى ئالغان كىنو «ئاسۇرا» 7-ئاينىڭ 13-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتە قويۇلىدىغان بولدى. فىلىمدە رىۋايەتتىكى ئۈچ باشلىق ئاسۇرانىڭ «كۆزەتكۈچى باش»ىنى ئىزدىگەن ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئارمىنى ۋە ھالقىشى مۇھاكىمە قىلىنغان، ۋۇ لېي، لياڭ جياخۇي، ليۇ جيالىن قاتارلىقلار رول ئالغان.
رېژىسسور جاڭ پېڭ 7-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدا تونۇشتۇرۇشىچە، ئاسۇرا قەدىمكى ھىندىستان ئەپسانىلىرىدىكى كۈچتۈڭگۈر پالۋان بولۇپ، 2000 يىللار ئىلگىرى جۇڭگو مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كىرگەن.
جاڭ پېڭنىڭ ئېيتىشىچە، رېئاللىقتىكى جەمئىيەت خۇددى ئارمانغا تولغان ئاسۇرا دۇنياسىغا ئوخشايدىكەن. رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بۇ كىنو ئارمان بىلەن ھالقىشتىن ئىبارەت باش تېما ۋە ياخشىلىق بىلەن يامانلىقتىن ئىبارەت مەزمۇن ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرنى توغرا بولغان دۇنيا قاراش تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەشنى مۇددىئا قىلغان.