تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات – سودا كوپىراتىپى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتتا باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى

دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش

  مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات – سودا كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات – سودا كوپىراتىپى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتتا باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭدا ئاساسىي قاتلام كوپىراتىپىدىن 673ى بار بولۇپ، %70تىن كۆپرەك يېزا – بازارنى قاپلىغان، باشلامچىلىق بىلەن قۇرغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 4276، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمىسى 111 بولۇپ، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلايدىغان، يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان يېڭىچە ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلات سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن.

  تەمىنات – سودا كوپىراتىپى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چىقىش نۇقتىسى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› بولۇپ، ئاخىرقى مەقسىتىمۇ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››دۇر. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار يېڭى ۋەزىيەتتە تەمىنات – سودا كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، تەمىنات – سودا كوپىراتىپى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلىدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى گۇرۇھى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى تەمىنات – سودا كوپىراتىپلىرى يەرنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولدى؛ شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى قارىمىقىدىكى ‹‹دا تاڭ›› يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتى 12 ناھىيە(شەھەر)نىڭ ‹‹ئالاقە تورى + يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈش + نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش›› يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەمىنات – سودا كوپىراتىپى بىلەن بىڭتۈەن 12 – شىسى ئورتاق قۇرغان ‹‹سەنگېجۇاڭ›› ئەشيا ئوبوروتى رايونى ‹‹دۆلەتنىڭ كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى›› بولۇپ قالدى؛ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلىق تەمىنات – سودا كوپىراتىپلىرى يېزا مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى بەرپا قىلدى، پۈتۈن سىستېما بويىچە زەنجىرسىمان تەقسىملەپ يەتكۈزۈش تور نۇقتىسى 29 مىڭ 800گە يېتىپ، يېزا ئەشيا ئوبوروتىدىكى ئاساسلىق يولغا ئايلاندى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەمىنات – سودا كوپىراتىپى، تۇرپان شەھەرلىك تەمىنات – سودا كوپىراتىپى يېزىلاردىكى قابىللارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، ئاساسىي قاتلام كوپىراتىپلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قىلىدىغان كوپىراتىپلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، تەمىنات – سودا كوپىراتىپىنىڭ دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىكىدىكى يېڭىچە ئىگىلىك سۇبيېكتى بىلەن يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات – سودا كوپىراتىپى ‹‹ئاساسىي قاتلام كوپىراتىپلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى››نى تۈزۈپ، ‹‹ئاساسىي قاتلام كوپىراتىپلىرىنىڭ دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام كوپىراتىپلىرى ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ خاسلىقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام كوپىراتىپلىرى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى›› قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام كوپىراتىپلىرىنىڭ يېزا – بازارلارنى قاپلاش نىسبىتىنى ھازىرقى %70تىن %90كە يەتكۈزمەكچى.

   ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنىڭ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەمىنات – سودا كوپىراتىپى سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشتى. 2017 – يىلى، پۈتۈن سىستېما بويىچە ئەمەلگە ئاشقان ئومۇمىي سېتىلىش سوممىسى 65 مىليارد 740 مىليون يۈەن بولۇپ، 2016 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %15 ئاشتى، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 984 مىليون يۈەن بولۇپ، 2016 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.2 ئاشتى، بۇ يىل 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە، پۈتۈن سىستېما بويىچە ئەمەلگە ئاشقان سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 22 مىليارد 170 مىليون يۈەن بولۇپ، 2017 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.5 ئاشتى، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 204 مىليون يۈەن بولۇپ، 2017 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %62.8 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ