تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر كۈندە 500 كىشى دورىخانىلاردىن سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك دورىسى ‏سېتىۋالىدۇ

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى مۇخبىرى يى شيۇڭۋېن، يۈ يىچاڭ خەۋىرى، فوتوسى. «ئىچكىرى ئۆلكىگە ئوغلۇمنى يوقلىغىلى باراتتىم، كۆپرەك دورا ئېلىۋېلىشنى ئويلىدىم، دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپنى دورا دۇكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ماڭا ئىككى ئايلىق دورا بەردى. بۇنداق بولغاندا ئىشلار كۆپ ئاسانلىشىدۇ، بولمىسا ئىچكىرى ئۆلكىگە بارغاندا دورام تۈگىسە يەنە ئۆزۈم پۇل خەجلەپ سېتىۋالىمەن». يۇقىرى قان بېسىمى، دېيابىت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان جاۋ لىشا 7-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك دورىلىرىنى سېتىش بەلگىلەنگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى سەككىز دورىخانىنىڭ بىرى بولغان جەنۇبىي ئازادلىق يولىدىكى «شىنتې» دورىخانىسىدا ئىككى ئاي ئىچىدىغان دورىسىنى سېتىۋالدى.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ئازادلىق يولىدىكى «شىنتې» دورىخانىسىدا جاۋ لىشيا دورا سېتىۋالماقتا.

  7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بىمارلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل رېتسېپىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بويىچە بەلگىلەنگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى سەككىز دورا دۇكىنىدا كارتا سۈركەپ دورا سېتىۋالالايدۇ، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى، ئاستا خاراكتېرلىك كانەيچە ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىنىڭ 2-باسقۇچى (2-باسقۇچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق 9 خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك دورىسى سېتىۋالغاندا شۇ دەرىجىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  جەنۇبىي ئازادلىق يولىدىكى «شىنتې» دورا دۇكىنىنىڭ باشلىقى، كەسپىي پىراۋىزور ۋاڭ ۋېنپىڭ مۇخبىرغا: «دوختۇر ئادەتتە بىر ھەپتە ياكى يېرىم ئايلىق دورا كېسىپ بېرىدۇ، ئەگەر باشقا جايغا بارىدىغان بىمارلار بولسا، ئەھۋالغا قارىتا بىر، ئىككى ئايلىق دورا كېسىپ بېرىدۇ» دېدى.

  ۋاڭ ۋېنپىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دۇكاندا 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 6-كۈنىگىچە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك دورىسى سېتىۋالغانلار ئىچىدە يۈرەك-مېڭە-قان تومۇرى كېسەللىكى ۋە دېيابىت كېسىلى بىمارلىرى بىرقەدەر چوڭ نىسبەتنى ئىگىلىگەن، بۇ دۇكاندا يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان كۈنىگە 300، 400 قۇتا دورا سېتىلغان.

  شىنجاڭ «شىنتې» دورىگەرلىك زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ چياڭ مۇنداق دېدى: «سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك دورىلىرىنىڭ دورا دۇكانلىرىدا سېتىلىشى بىلەن بىمارلارنىڭ ۋاقتى تېجىلىدۇ، يەنە بىمارالارنىڭ دوختۇرخانىدا دورا ئېلىشنى ساقلاش جەريانى ئازلايدۇ. ھازىر سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك دورىلىرىنى سېتىش بەلگىلەنگەن دورىخانىلاردىكى دورىلارنىڭ باھاسى ئاپتونوم رايون بويىچە خېرىدارلىق باھاسىنى ئىجرا قىلىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ