شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئىتالىيە فورلى، 7-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى: لەنجوۋ ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىرخانىسى ئىجاد قىلغان چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «دۇنخۇاڭ بۈيۈك ئارزۇسى» 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى فورلى شەھىرىدە ئورۇندالدى. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مۇھەببەت ھېكايىسى، گۈزەل كۆرۈنۈش ۋە ئارتىسلارنىڭ نەپىس ئۇسسۇلى نەق مەيداندىكى 500 تاماشىبىننى مايىل قىلدى.
«دۇنخۇاڭ بۈيۈك ئارزۇسى» شۇ كۈنى كەچتە شەھەر مەركىزىدىكى بىر تىياتىرخانىدا قويۇلدى، سەھنە دېكوراتسىيەسىدىن سەھنە كىيىملىرىگىچە ھەممىسىدە 1000 يىل ئىلگىرىكى دۇنخۇاڭنىڭ شەھەر جىلۋىسى ناھايىتى مۇكەممەل نامايان قىلىندى. ئىككى ئەر-ئايال باش رولچى جۇڭگونىڭ مىللىيچە ئۇسسۇل شەكلى بىلەن مۇڭلۇق مۇھەببەت ھېكايىسىنى تاماشىبىنلارغا نامايان قىلىپ بەردى، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تەسىرلىك ۋەقەلىك تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
نەق مەيداندا ئويۇن كۆرگەن فورلى شەھىرىنىڭ باشلىقى مونت گۇدىي مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېپەك يولى پەقەت مەھسۇلات ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يولى بولۇپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ئالماشتۇرۇش يولى. بۈگۈنكى يېڭى يېپەك يولىدا جۇڭگو ۋە ئىتالىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە جەھەتتە داۋاملىق ئۇچرىشىپ، كىشىلەرنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئويۇن ئاياغلاشقاندا ئىتالىيەلىك تاماشىبىن ئالېكىس مۇنداق دېگەن: كىلاسسىك ۋە زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلغان بۇ ئويۇن بەكمۇ قالتىس بولدى، ئەپسۇسكى فورلىدا پەقەت بىر مەيدان قويۇلىدىكەن، كېيىن جۇڭگو تىياتىر ئۆمەكلىرىنىڭ داۋاملىق كېلىپ ئويۇن قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«دۇنخۇاڭ بۈيۈك ئارزۇسى» ناملىق بۇ تىياتىرنى لەنجوۋ ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىرخانىسى ئىككى يىلدا ئىجاد قىلىپ تاماملىغان بولۇپ، دۇنخۇاڭ تېمىسىدىكى چوڭ تىپلىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ تىياتىر 2000-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭدا تۇنجى ئورۇندالغاندىن كېيىن، ھازىرغا قەدەر دۆلىتىمىزدىكى 50تىن ئارتۇق شەھەردە ۋە ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايوندا 1100 مەيداندىن ئارتۇق ئورۇندالدى.