كۈنەس دەرياسى يېنىدىكى چارۋىچىلار نارات مەنزىرە رايونىدا كەچلىك تاماققا تەييارلىق قىلماقتا (7-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان).
7-ئاي كىرگەندىن بۇيان، «بوشلۇقتىكى يايلاق» دەپ ئاتالغان شىنجاڭ نارات مەنزىرە رايونىغا كۈندە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر 5000 ئادەم/ قېتىمغا يېتىپ، نارات مەنزىرە رايونى ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. نارات مەنزىرە رايونى شىنجاڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، دۇنيادىكى تۆت چوڭ يايلاقنىڭ بىرى بولغان سۇبئالىپ چىملىق ئۆسۈملۈك رايونى بولۇپ، قەدىمدىن بۇيانقى نامى يىراق - يېقىنغا تارالغان چارۋىچىلىق مەيدانى ھېسابلىنىدۇ.
بىر ساياھەتچى نارات مەنزىرە سۇپىسىدا قۇياشقا يۈزلەنگىنىچە يۈرەك شەكلىنى چىقارماقتا.
ساياھەتچىلەر «بوشلۇقتىكى يايلاق» ناراتتا ئات مىنمەكتە.
نارات مەنزىرە رايونىنىڭ كەچكى شەپەق مەنزىرىسى
«بوشلۇقتىكى يايلاق» ناراتتا ئېچىلغان ياۋا گۈللەر
ساياھەتچىلەر «بوشلۇقتىكى يايلاق» ناراتتا ئات مىنمەكتە.
چارۋىچىلار كارۋىنىدىكى ئىككى چارۋىچى شۇ كۈنلۈك كىرىمىنى ھېسابلىماقتا.