رۇسىيەدىكى بىر ئاشخانا سۇشى بىلەن پۇتبول مەيدانى ياساپ، رۇسىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى كرودىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى.
خەلق تورى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدىكى بىر ئاشخانا شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۇشى (ياپونىيەلىكلەرنىڭ بىر خىل تامىقى) بىلەن پۇتبول مەيدانى ياساپ، رۇسىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى كرودىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ پۇتبول مەيدانىغا 6000 سۇشى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئېغىرلىقى 85 كىلوگىرام كېلىدىكەن.