ئىتالىيەلىك ساياھەتچى لاۋرا قەشقەر كونا شەھىرىدىكى «ئانار دانىسى پىلانى»غا قاتناشقان كۇلالچى ئائىلىسىدە ئۆزى ياسىغان كۇلالچىلىق بۇيۇمىنى كۆرسەتمەكتە. (5-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇ يىل يازدا، شېنجېن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق مەركىزى بىلەن قەشقەر شەھىرى بىرلىكتە يېڭىچە ساياھەت شەكلى بولغان «ئانار دانىسى پىلانى» تۈرىنى يولغا قويدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر يەرلىك قول ھۈنەر ئۇستىلىرىغا ئەگىشىپ ساپال، مىس ۋە ياغاچ بۇيۇملارنى ياساشنى ئۆگىنىدۇ، چالغۇ-ئەسۋابلار دۇكىنىدا يەرلىك ناخشا-مۇزىكىلاردىن ھۇزۇرلىنىدۇ، ئۆزى قول سېلىپ نان يېقىپ، ھەقسىز ئېسىل چايلارنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ، شۇنداقلا قەشقەر كونا شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تائاملاردىن ئېغىز تېگىدۇ.