تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

   مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشكە تەشكىللەندى، ئۆگىنىشتە 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇزاكىرە قىلىندى.

   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماق، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ مول مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرى بويىچە، ‹‹شاڭخەي روھى››نى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹كىرگۈزۈش›› بىلەن ‹‹چىقىرىش››نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.  

   يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دىپلوماتىيە چوڭ ھوقۇقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدا بولۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىگە بويسۇنۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تاشقى ئالاقە خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرى بويىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئامما تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئامما مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئامما تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. تەشۋىق – تەربىيەنى كۈچەيتىپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېزا – كەنتلەرنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، تەشكىلىي جەھەتتىن گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇشنى، دېھقانلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق ساھەگە، دېھقانلارنى جەلپكار كەسىپكارلارغا، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ياش كادىرلارنى بايقاش، يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىشنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلىپى بويىچە، ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياش كادىرلارنىڭ ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىيىتىدە قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشى، تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، كەڭ ياشلارنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. ياش ئەۋلادلار ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش، ئىگىلىك تىكلەش سەھنىسى ھازىرلاپ، غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان يېڭى دەۋر ياشلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، كەڭ ياشلارنى مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا قالتىس كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشقا يېتەكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ