ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پەرىزات، لى شۇاڭيۇڭ، لى بيەنجياڭلار خەۋىرى، فوتوسى: قارلىق تاغ، كۆل، يايلاق، پادىلار، كىگىز ئۆيلەر.... تەبىئىي بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ كەتكەن سۈرەتتەك بۇ گۈزەل ماكان دەل «يايلاقنىڭ كۆزى» بولغان تولى ناھىيەسى ساز كۆلى كارتىنىسىدۇر.
بۇ گۈزەل زېمىندا قوي-كالىلار توپ-توپ بولۇشۇپ، تۆگە كولدۇرمىسىنىڭ ئاۋازى يىراقلارغا تارىلىپ، كەڭ كەتكەن يېشىللىق قارلىق تاغلارغىچە سوزۇلۇپ، كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز تۇيغۇلارنى بەخش ئېتىدۇ. شوخ يىگىت ئاقىن ئاپئاق كىگىز ئۆيدە دومبۇراسىنى ياڭرىتىپ، قازاق مىللىتىنىڭ ئالاھىدە «ئوتلاق مۇزىكا بايرىمى»نى كەڭ تەبىئەتكە بېغىشلاپ، يېقىملىق مۇزىكا كۈيىنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.