تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى ئېلان قىلىندى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى ئېلان قىلدى.

   ‹‹پىكىر››دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى. دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىدىغان، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان – كونترول قىلىدىغان، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈۋرۈك، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. ھازىر، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇشتا يەنىلا مەسئۇلىيەت تارقاق بولۇش، ھوقۇق – مەسئۇلىيەت ئېنىق بولماسلىق، ھوقۇق بېرىش ئېنىق بولماسلىق، ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىق ھەم سەپلەش ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش زۆرۈرىيىتى بولۇش، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئەمەلىيلەشمەسلىك قاتارلىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ساقلانغان، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالى تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

   ‹‹پىكىر››دە دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە ئاساسىي نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاساسىي نىشانى: دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇشتىكى ‹‹تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك››نى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە كونترول قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاساسىي ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنداش. دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، كاپىتالنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، كاپىتال باشقۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

   ‹‹پىكىر››دە يەنە دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇش، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام بولغان تىجارىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە دائىر كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ