تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

يېڭى سورتلۇق بۆلجۈرگەنلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

  ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 6-ئاي كىرگەندىن بۇيان، غۇلجا ناھىيەسى تۇرپانيۈزى يېزىسى تۆۋەنكى تۇرپانيۈزى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى سەپەرنىڭ بۆلجۈرگەنلىكى قىزىپ كەتتى، بۆلجۈرگەن زاكاز قىلغىلى كەلگەن سودىگەرلەردىن سىرت، يەنە بۆلجۈرگەن ئۈزگىلى كەلگەن خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

  ــ ئىلگىرى مەن كونا سورتتىكى بۆلجۈرگەنلەرنى تېرىيتتىم، ئۇنىڭدىن كىرگەن يىللىق كىرىم تۇرمۇش خىراجىتىمگە ئاران يېتەتتى. بۇ يىل خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن يېڭى سورتلۇق بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈپ، بۇلتۇرقىدىن 20 مىڭ يۈەن كۆپ كىرىم قىلدىم، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، ـ  دېدى  سەپەر 6-ئاينىڭ 24-كۈنى خۇشال ھالدا.

  بۇلتۇر، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ غۇلجا ناھىيەسى تۇرپانيۈزى يېزىسى تۆۋەنكى تۇرپانيۈزى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسەن قوناق، بۇغداي قاتارلىق ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىيدىغانلىقىنى، بۆلجۈرگەن ئۆستۈرىدىغان ساناقلىق نەچچە ئاھالىلىكنىڭمۇ كونا سورتلۇق بۆلجۈرگەن ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ سورتتىكى بۆلجۈرگەنلەر مېۋىسى كىچىك، تەمى ئادەتتىكىچە بولغانلىقتىن قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولمىغانىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقانلارنى يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈملۈك مەھسۇلاتلارنى تېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۆلجۈرگەن سورتىنى ئىسلاھ قىلىپ، پۈتۈن كەنتتە يېڭى سورتلۇق بۆلجۈرگەن تېرىشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

  كەنت ئاھالىسى سەپەر ئىلگىرى كونا سورتلۇق بۆلجۈرگەن ئۆستۈرىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى بۆلجۈرگەنلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە سېتىش ھەققىدە باش قاتۇراتتى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئائىلىلەرگىچە كىرىپ، يېڭى سورتلۇق بۆلجۈرگەننىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ۋە بازار ئىستىقبالىنى تەشۋىق قىلغاندىن كېيىن، كاللىسى ئوچۇق، يېڭىلىقلارنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغان سەپەر 20 مو يېرىگە يېڭى سورتلۇق بۆلجۈرگەن تېرىدى.

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئالايىتەن غۇلجا ناھىيەلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى پەن ـ تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا يېڭى سورتلۇق بۆلجۈرگەن مايسىسى ئۇقۇشۇپ بەردى، يەنە توردىن بۇ خىل يېڭى سورتلۇق بۆلجۈرگەننى ئۆستۈرۈشكە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئىزدىدى، قوشنا كەنتتىكى تېرىقچىلىق ئۇستىلىرىدىن مەسلىھەت سورىدى، ھەمدە تېخنىكىدا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئىلى ئوبلاستلىق دېھقانچىلىق ئىدارىسى بۆلجۈرگەن تېرىش مۇتەخەسسىسى تەكلىپ قىلىپ، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى.

  سەپەر ئۆستۈرگەن بۆلجۈرگەنلەر 6-ئاي كىرىشى بىلەن ئاستا - ئاستا پىشىشقا باشلىدى، بۆلجۈرگەنلەر چوڭ، تاتلىق، گۆشلۈك ئىدى. بۆلجۈرگەندىن ئېلىنغان مول ھوسۇل سەپەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ، بېيىش ئىشەنچىسنى ئاشۇردى.  ئۇ خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن يەنە نەق مەيداندا بۆلجۈرگەن ئۈزۈش ساياھەت تۈرىنى كۆپەيتىپ، غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۆلجۈرگەنلىككە جەلپ قىلدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە سەپەرنىڭ بۆلجۈرگەنلىرىنى بازارلارغا، دۇكانلارغا ئاپىرىپ سېتىشىپ بەردى.

  بۆلجۈرگەنلىككە كېلىپ، نەق مەيداندا بۆلجۈرگەن ئۈزۈۋاتقان كىشىلەرنى ۋە توختىماي چۈشۈۋاتقان زاكازلارنى كۆرگەن سەپەر ئەر ـ خوتۇننىڭ خۇشاللىقتىن ئاغزى يۇمۇلماي قالدى. «كېلەر يىلى بىز تېخىمۇ تىرىشىپ، بۆلجۈرگەنلىكنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى، بۆلجۈرگەنلىككە تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى سەپەر خۇشال ھالدا.

  سېۋەت-سېۋەتلەرگە لىق تولغان قىپقىزىل بۆلجۈرگەنلەر كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىدى، ئۇلار سەپەرنىڭ بۆلجۈرگەنلىكىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بەس-بەستە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى ئىزدەپ كەلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ يېڭى سورتلۇق بۆلجۈرگەن تېرىش خىيالىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر سەپەرنىڭ بۆلجۈرگەندىن مول ھوسۇل ئېلىشىغا ياردەم قىپتۇ، بۇ يىل مەنمۇ يېڭى سورتلۇق بۆلجۈرگەن تېرىيمەن، جىق پۇل تېپىپ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىمەن» دېدى ئەخمەتجان تاھىر.

   تۆۋەنكى تۇرپانيۈزى كەنتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگەن نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ خۇتاۋ مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلەش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز، بىز كەنتتىكىلەرگە داۋاملىق تۈردە يېڭى سورتلۇق بۆلجۈرگەن، قوناق قاتارلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى زىرائەتلەرنى تېرىشنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى بىر جۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا يېتەكلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ